نىياز ئۇچقان چوققا: تۇرپاندىن ئىدىقۇت تېغى ئارقىلىق گۇچۇڭغا ئۆتىدىغان ئۇلاغ يولىنىڭ قۇتاز داۋىنى (سازلىقنىڭ داۋىنى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)دىكى بىر چوققىنىڭ نامى.
پېشقەدەملەر بۇ نامنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت قىلىشىدۇ؛ ئىلگىرى چالغانتاغدىكى قوشنا ئىككى سايدا ئىككى باينىڭ ئاتلىرى ئوتلايدىكەن، بىرىنىڭ ئىسمى بارات باي بولۇپ، ئەل ئىچىدە يۈز – ئابرويلۇق كىشى ئىكەن. يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ھاجى بولۇپ، چالغانتاغنىڭ دىنىي مۆتىۋىرى ئىكەن. بۇ ئىككى زات ھەمىشە بىر – بىرى بىلەن مەنمەنلىك تالىشىدىكەن. بارات باينىڭ ئايغىرى يامان ئىكەن، ئۇ دائىم ئۆز ئۇيۇرىدىن ئايرىلىپ چىقىپ، ھاجىنىڭ ئاتلىرىغا ئارام بەرمەيدىكەن، ھاجىنىڭ نىياز دىگەن بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ بىر كۈنى بارات باينىڭ ھېلىقى يامان ئايغىرىنى ئوغرىلاپ، گۇچۇڭغا ئاپىرىپ سېتىشقا تەمشەلگەندە، بارات باينىڭ مالايلىرى ئاتنى ئىزدەپ كېلىپ نىيازنى تۇتۇپ تاغقا ئېلىپ ماڭغانىكەن. نىياز ئۆيگە قايتىپ بارسا ‹‹ئوغرى››دېگەن ئاتاققا قېلىپ خەلقئالەم ئالدىدا رەسۋا بولۇشىدىن ئەنسىرەپ، تاغنىڭ تىك چوققىسىدىن ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلۈۋالغانىكەن، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ چوققا ‹‹نىياز ئۇچقان چوققا››دەپ ئاتالغانىكەن.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article نىياز ئۇچقان چوققا, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.