شىنجاڭ ئاي سىرى سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى ، ئاي سىرى سىفا سالونىنىڭ قۇرغۇچىس نورىمانگۈل ئابدۇرۇسۇل خانىم 1986-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇرپان شەھىرىدە توغۇلغان بولۇپ ، 1992-يىلىغىچە ئائىلە ۋە يەسلى تەربىيەسىدە بولغان ، 1992-يىلىدىن 1997-يىلىغىچە تۇرپان شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ ۋە 7-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە مائارىپ تەربىيەسىدە بولغان ، 1997-يىلىدىن 2001-يىلىغىچە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ئۇقىغان ۋە بۇ جەريانلادا مەكتەپتە كۆپ قېتىم ئىلغا ئوقۇغىچى ، ئۈچتە ياخشى ئوقۇغۇچى بولۇپ باھالانغان ۋە جۇڭگو كومنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان ،2001-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۆتكۈزۈپ ، بېيجىڭدا جۇڭگو ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسۇل ئارتىسى بولۇپ خىزمەت قىلغان ، 2003-يىلىدىن 2016-يىلىغىچ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ئۇسۇل ئۆمىكىگە خىزمەت قىلغان ۋە بۇ جەريانلاردا شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ ئۇسۇل ئوقۇتقۇچىسى ، ئەترەت باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ، 2013-يىلى بېيجىڭ ئۇسۇل ئىنىستىتوتىدا ئۇسۇل كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇپ كىلىپ ، ئۆز كەسپىگە بولغان تېرىشچانلىقىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئالغا ئىلگىرلەتكەن ،2017يىلى ئۆزىنىڭ ئوزۇندىن بويانقى يەنە بىر ئارزۇسى بولغان خەلقئارا سودا ۋە خانىم-قىزلار ساغلاملىق ئىشلىرىغا بولغان تىرىشچانلىقىنى روياپقا چىقىرىپ ، شىنجاڭ ئايسىرى خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى قورۇپ چىققان ۋە 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى رۈيدا سودا شەھەرچىسىنىڭ 18-قەۋىتىگە جايلاشقان >نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈپ ، خانىم -قىزلارغا بولغان تېخىمۇ كەسپىي مەركەزنى جەمئىيتىمىزگە رەسمىي ئېچىۋەتكەن.
مەنبە
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article نورىمانگۈل ئابدۇرۇسۇل, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.