ناماز ئوقۇش قائىدىسى: «نىيەت قىلدىم ئۆتەرمەن دەپ ناماز بامداتنىڭ 2 رەكئەت سۈننىتىنى، شۇ ۋاقتى بىلەن يۈزۈم قىبلىگە، ئىقتىدا قىلدىم خانە كەئبىگە، خالىسەن لىللاھى تەئالا، ئەللاھۇ ئەكبەر. » دەپ ئىككى قولىنى ئىككى قۇلاقنىڭ يۇمشاقىگە تەككۈزۈپ، قولىنى چۈشۈرۈپ ئوڭ قولنى سول قولنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، سانا ئوقۇلىدۇ.
فاتىھەدىن كېيىن بىر سۈرە قوشىلىدۇ. ئىككىنچى رەكئەتتە ھەم فاتىھەگە بىر سۈرە قوشۇپ روكۇ سەجدىدىن كېيىن تەشاھۇد ۋە ئىككى دۇرت دۇئالىرى ئوقۇلۇپ، ناماز پارخ بولىدۇ. ئوڭ ۋە سول تەرەپكە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم رەھمۇتۇللاھ دېگەچ سالام بېرىلىپ، دۇئا قىلغاندىن كېيىن ناماز ئاخىرلىشىدۇ. پەرز نامازلىرى جامائەت بىلەن ئوقۇلسا ئىمامغا ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇلىدۇ، روكۇ سەجدىدە تەكبىر تەشاھۇدلارنى ئىمامغا ئەگىشىپ ئوقۇش كېرەك. پېشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن نامازلىرىنىڭ نىيىتى يۇقىرىرىدىكى بىلەن ئوخشاش.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ناماز ئوقۇش نىيىتى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.