مەسجىدى قۇبا: سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەسچىت

مەسجىدى قۇبا (ئەرەبچە: مَسْجِدُ قُبَاءٍ)، قۇرۇلىشىدا قۇبادا قىسقا بىر مۇددەت تۇرغان ئىسلام پەيغەمبەرى ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىمۇ قول سېلىپ ئىشلىگەن مەسچىت.

قۇدۇقلىرى ۋە خۇرمىزارلىرى بىلەن مەشھۇر، تۇپراقلىرى مۇنبەت بىر ۋاھەگە قۇرۇلغان بولۇپ، ئىسمى بۇ رايوندىكى بىر قۇدۇقنىڭ ئىسمىدىن كەلگەن قۇبا، ھىجرەت ئەسناسىدا مەككە يولى ئۈستىدە مەدىنەگە 6 مىل مۇساپىدە بولغان قىشلاق ئىدى. ھىجرەتتىن سوڭرە مەدىنەنىڭ تەرەققىياتىغا پارالېل ھالدا سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلغان ۋە شەھەرنىڭ مەھەللىرىدىن بىرىسى ھالىغا كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ "جەننەت بۇلاقلىرىدىن بىر بۇلاق" دەپ ماختىغان غەرس ۋە ئۈزىكى تۈشۈپ كەتكەن ئېرىس قۇدۇقلىرى ھەم بۇ يەرگە جايلاشقان.

ھۆججەت:Masjid al-Quba.jpg
مەسجىدى قۇبانىڭ كۆرۈنىشى

ھەزرىتى مۇھەممەد ئە.س مەككەدىن يولغا چىقىپ 11 كۈن ماڭغاندىن سوڭرە قۇباغا كەلگىنىدە، ئەرەبلەرنىڭ ھەزرەج قەبىلىسىنىڭ بىر تارمىقى بولغان ئەمر بىن ئەۋڧ ئۇرۇقىدىن كۈلسۈم بىنت ھىدمنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدى. چوڭلىقى يۈزىدىسىدىن تېخىمۇ مۇۋاپىق كۆرۈلگەن سەئد بىن ھەيسەمنىڭ ئۆيىدە بولسا ئەسھابلارى بىلەن سۆھبەت قىلدى. قۇباغا كەلگەن تۇنجى مۇھاجىرلەر، ئەمر بىن ئەۋڧ ئۇرۇقىغا ئائىت بىر خۇرما قۇرۇتۇش ئورنىنى مەسجىد ھالىغا كەلتۈرۈلگەن. پەيغەمبەر ئە.س بۇ يەرنى كېڭەيتىپ قۇبا مەسچىتىنى بىنا قىلدۇرغان.

مەسجىدى قۇبانىڭ دەستلەپكى ھالى تۆرت چاسا شەكىللىك بىر تۈزنى ئورىغان تۆرت تامدىن ئىبارەت ئىدى. پەيغەمبەر (س.ئە)، قىبلەنىڭ كەئبەگە ئۆزگەرتىلىشى (م.623) دىن كېيىن مەسجىدى قۇبانى قايتا ئىنشا قىلدۇرغان. بۇ ۋاقىتتا ئالدى تام ۋە ئۇنىڭغا پارالېل تىزىلغان يەتتە تۈۋرۈك ئۈستىگە بىر شىپ ياسالغان. مەسجىدنىڭ جەنۇبىدا كۈلسۈم بىنت ھىدم بىلەن سەئد بىن ھەيسەمنىڭ ئۆيلىرى بار ئىدى ۋە سەئدنىڭ ئۆيىدىن مەسجىدكە بىر ئىشىك ئېچىلاتتى. مۇسۇلمانلار پەيغەمبەر س.ئە مىھمان بولغان بۇ ئۆيلەرنى زىيارەت قىلۇر ئىدىلەر. سەئد بىن ھەيسەمنىڭ ئۆيلىرىدە پەيغەمبەرنىڭ ناماز ئوقۇپ ساھابەلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن يېرى 1985- يىلىدىكى كېڭەيتىشكىچە قوغدالغانىدى، بۇ كېڭەيتىش قۇبا مەسجىدىگە قوشۇلغان.

قۇبا مەسجىدىدە ئوقۇلغان نامازنى ئۆمرە ھەج بىلەن تەڭ كۆرگەن پەيغەمبەر ئە.س مەدىنەدە ياشىغان ۋاقىتلاردا شەنبە، بەئزىدە دۈشەنبە كۈنلىرى ۋە رامىزاننىڭ 17. كۈنى مەسجىدى قۇباغا بېرىپ ناماز ئوقۇغان، بۇ يەردە بېرىلگەن قۇرئان كەرىم دەرىسلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرغان، ئۇ زاتقا سورالغان سۇئاللارغا جاۋاب بەرگەن. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان، تۇنجى كۈندىن تەقۋا ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن مەسچىت (سۇرە تەۋبە 9\108) قۇبا مەسچىتى دەپ قەبۇل قىلىنىدۇ. بۇ يەردە ئىشارە قىلىنغاننىڭ مەسجىدى نەبەۋىي ئىكەنلىكى ھەم رىۋايەت قىلىنىدۇ.

Tags:

ئەرەب تىلىمۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممەدىنەمەككە

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

ياپونىيەنىكولا تېسلاسۈيدۈڭ بازىرىTuwaluمىسسوپوتامىيەئارىق قايائۇيغۇر تىلىخىرىستىيان دىنىئوتتۇرا ئاسىياБаш бәтنەننىڭ شەھىرىتۈركمەنىستانقارا جۈمە(مال سېتىۋېلىش بايرىمى)فۇنكسىيەمارسRodé Arili Shitati20231938 - يىلىۋاتىكان شەھىرىئەرزۇرۇم ۋىلايىتىÉnsklopédiyeئانتىگۇئا ۋە باربۇدائېغىز بوشلۇقىكولومبىيەترىنىداد ۋە توباگوماس قەدەملىك دۇنياۋىي سائەتباربادوسھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسى27- ھۇديانۋارقوماچ(قۇناق پاخ-پاخغى)ۋىرۇسليۇكسېمبۇرگمالىدەسلەپكى نۇسخانىكولاي IIئابدۇخالىق ئۇيغۇرئىنگلىز تىلىپەرىشتە (ئىسلام)غۇلامىدىن ئەخمەت پاختاياۋروپا ئىتتىپاقىمۇسنەدى ئەھمەدتۆرت خەلىپەئېرىترېيەئىران1789 - يىلىجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرىجېڭجۇ شەھىرى5- مىزانئانگۋىللاURLنوتتىڭخام ئۇنىۋېرستېتىزايوم ئەڭ كۆپ دۆلەتسېنېگال1968 - يىلىروسىيە1-ئاينىڭ 1-كۈنىيەر شارىكارېلىيەئولمپىك مەشئىلىپاراگۋايئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىچارلىس چاپلىنئۇزۇن قۇيرۇق بۇغاگۆشلۈك پولومۈشۈك ئائىلىسىپىرىتسۇريانىي تىلىئەنۋەر توختى2006 - يىلى20 - فېۋرال6 - دېكابرBan'galor🡆 More