كەڭلىك (φ) (ئىنگىلىزچە:Latitude، خەنچە: 纬度) يەر شارى يۈزىدىكى شىمال بىلەن جەنۇب ئوتتۇرىسىدا بۆلۈنگەن ئارىلىق گىرادۇسلىرى.
ئېكۋاتوردىن جەنۇبىي ۋە شىمالىي قۇتۇپلارغىچە، ھەر قايسى 90 گرادۇسقا بۆلۈنىدۇ. شىمال تەرەپتىكىسى شىمالىي كەڭلىك، دېيىلىدۇ. جەنۇب تەرەپتىكىسى جەنۇبىي كەڭلىك، دېيىلىدۇ. ئېكۋاتورغا يېقىن بولغانلىرى تۆۋەن كەڭلىك: ئىككى قۇتۇپقا يېقىن بولغانلىرى يۇقىرى كەڭلىك دېيىلىدۇ. ئىككىسى ئارىسىدىكى 45 گرادۇس ئەتراپىدىكىسى ئوتتۇرا كەڭلىك دېيىلىدۇ. يەر يۈزىدىكى مەلۇم ئورۇندىن ئۆتكەن پاراللېل بىلەن ئېكۋاتور ئارىسىدىكى مەلۇم گرادۇس سانى شۇ ئورۇننىڭ كەڭلىكى بولىدۇ; دۇنيا خەرىتىسىدىكى ئوخشاش كەڭلىككە ئىگە نوقتىلارنىڭ بىرلىشىشى بىلەن ھاسىل بولغان مەۋھۈم چەمبەرلەرگە پارالېل دېيىلىدۇ.
شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرى | 39″ 33′ 66° N |
شىمالىي تروپىك سىزىقى | 21″ 26′ 23° N |
جەنۇبىي تروپىك سىزىقى | 21″ 26′ 23° S |
جەنۇبىي قۇتۇپ چەمبىرى | 39″ 33′ 66° S |
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article كەڭلىك, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.