كەبىسە يىلى

كەبىسە يىلى، مىلادى تەقۋىمدە (گرېگورىيان تەقۋىمى) 365 كۈن ئورنىغا 366 كۈن كېلىدىغان يىل.

بۇ ئارتۇق كۈن، نورمالدە 28 كۈن بولغان ھۇد\ڧېۋرال (2- ئاي) غا قوشۇلۇپ 29- كۈن كېلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. تۆرت يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان بۇ يىلنىڭ سەبەبى دۇنيانىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىش دەۋرىنىڭ (ئاسترونومىيىلىك يىل)، قۇياشنىڭ ئوخشاش مېردىياندىن ئىككى قېتىم ئۆتۈشى ئارىسىدىكى ئوتتۇرىچە ۋاقىتنىڭ (كۈن) دەل ھەسسىسى بولمىغانلىقىدىندۇر. بىر ئاسترونومىيىلىك يىل تەخمىنەن 365.242 كۈن بولسىمۇ، نورمال بىر تەقۋىم يىلى 365 كۈن ھېسابلىنىدۇ.

كەبىسە يىل تۇنجى بولۇپ م.ب 46. يىلى، جۇلىيان تەقۋىمىدە قوللىنىلغان.


كېلىپ چىقىشى

نامى قەدىمكى رىم ئىمپىراتورى يولىئوس كايسارنىڭ ھەر تۆرت يىلدا مارت ئېيىنىڭ ئالدىنقى ئېيىغا يەنە بىر كۈن قوشۇش بۇيرۇشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. بۇ پەرماندىن سوڭرە ھۇد ئېيىنىڭ 24- يىلى ھەر تۆرت يىلدا ئىككى مەرتە تەكرارلىنىدىغان بولغان. بۇ ئىككىنچى (bis) كۈن يىلنى «كەبىسە»، دەپ ئاتاشقا تۈرتكە بولغان.


كەبىسە يىلىنىڭ بەلگىلىنىشى

ئادەتتە قائىدە بويىچە كەبىسە يىللىرى 4 رەقەمىنىڭ ھەسسىسى بولغان يىللاردۇر:
1988, 1992, 1996, 2000, 2004, 2008, 2012, 2016, 2020، 2024، 2028، 2032 دېگەندەك.

لېكىن بۇ قائىدىنىڭ ئىككى ئالاھىيدە ئەھۋالى باردۇر:
1. 100 نىڭ ھەسسىسى بولغان يىللاردىن 400 گە قالدۇقسىز بۆلۈنگەن يىللار كەبىسە يىلىدۇر؛
مەسىلەن: 1200، 1600، 2000- يىللار كەبىسە يىلى، لېكىن 1700، 1800، ۋە 1900- يىللار كەبىسە يىلى ئەمەستۇر.
ڧەقەتلا 400 گە دەل بۆلۈنەلەيدىغان يىللارنىڭ كەبىسە يىلى بولالىشىنىڭ سەبەبى، بىر ئاسترونومىيىلىك يىلنىڭ 365.25 كۈن بولماي تەخمىنەن 365.242 كۈن بولىشىدىن كېلىپ چىققان خاتانى تۈگىتىش ئۈچۈندۇر.

2. ھېسابلاشنى تېخىمۇ نازۇك ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن -400گە قالدۇقسىز بۆلۈنەلىگەن ھالدا- 4000گە قالدۇقسىز بۆلۈنلەيدىغان يىللار كەبىسە يىل دەپ قوبۇل قىلىنمايدۇر.
مەسىلەن: 4000, 8000, 12000, 16000, 24000, 32000 ۋە 48000 دېگەندەك يىللار 400 گە دەل بۆلۈنەلىسىمۇ كەبىسە يىلى ئەمەستۇر.

باشقا تەقۋىملەر

جۇلىيان، ئىسلاھات قىلىنغان جۇلىيان ۋە ئىران تەقۋىملىرىدىمۇ ئوخشاشقان قائىدىلەر بىلەن بەلگىلەنگەن كەبىسە يىللار باردۇر.


ئۇلىنىشلار

29- ھۇد ھەققىدە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 10 نەرسە BBC.co.uk (ئىنگىلىزچە)

مەنبئەلەر

Tags:

كەبىسە يىلى كېلىپ چىقىشىكەبىسە يىلى نىڭ بەلگىلىنىشىكەبىسە يىلى باشقا تەقۋىملەركەبىسە يىلى ئۇلىنىشلاركەبىسە يىلى مەنبئەلەركەبىسە يىلىقۇياشمىلادى تەقۋىمھۇد

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

خەنزۇ تىلىكوبى بىرايېنت27- ئۈمىدلىۋانئەخمەتجان قاسىمى1783 - يىلىھوندۇراسماس قەدەملىك دۇنياۋىي سائەتگۇاڭجۇ شەھىرىپىكسار جانلاندۇرۇم ستۇدىيىسىئۆمەر ئىبنى خەتتابمارت1789 - يىلىچاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىكورىيەچېخ جۇمھۇرىيەتىئانا تىل بايرىمىماپۇچە مىللىتىشىجاڭ ئۆلكىسى (مىنگو)بودېن كۆلىباششەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىفۇجو شەھىرىموزامبىكقوماچ(قۇناق پاخ-پاخغى)Alyaska Shitatiمۈشۈككەنت1999 - يىلىكايمان تاقىم ئاراللىرىئابدۇخالىق ئۇيغۇرئولمپىك مەشئىلىتازقۇمايپەرھات مۇھەممەدلىمفا سىستېمىسىJenubiy Dakota Shitatiئۈزۈممېكسىكاسلوۋاكىيەجون ماينارد كېينېسدىنسىزلىقھاجى قۇتلۇق قادىرىدىسنېي شىركىتىگۇگېلشىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى1943 - يىلىشەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىسولومون تاقىم ئاراللىرىمارسجەينەك23- ئۈمىدئىنگلىز تىلىقۇللۇق تۈزۈمبېلورۇسسىيەئەمىليا پاڭمالىشۋېتسىيەئەنگىلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىرومان تىلى1995لاتۋىيەئەرەب تىلىپروتېستانت دىنىچايئىراقTürkiyeقاراخانىيلار🡆 More