سۆگەت يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىسار ناھىيەسىگە جايلاشقان بۇلۇپ، ناھىيە بىلەن بولغان ئارلىقى 23 كىلومېتىر كېلىدۇ.
ئومۇمىي نوپۇسى 19 مىڭ 600 ئادەم، تېرىلغۇ يەر 29 مىڭ 400 مو، يېزىلىق پارتكومنىڭ قارىمىقىدا 29 ئاساسىي قاتلام پارتىيە ياچېيكىسى، 679 نەپەر پارتىيە ئەزالىرى بار. كىلىماتى تىپىك تېرىقچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىكنى ئاساس قىلغان يېزا ئىگىلىك.
سۆگەت يېزىسى 苏盖提乡.Söget Town | |
يېڭىسار ناھىيىسى (نومۇرى 4) نىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
ناھىيە | يېڭىسار ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 14 دانە |
نوپۇس | 23.5 مىڭ |
يەر مەيدانى | 19.6 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |
سۆگەت يېزىسىغا قاراشلىق سېرگىلا كەنتى، يۇقىرىقى تېتىر كەنتى، يېڭى يەر كەنتى، دامشىن كەنتى، لايبۇلاق كەنتى، پىلىز كەنتى، ئاچمائېرىق كەنتى، يۇقىرىقى كەنتئېرىق كەنتى، كەنئېرىق كەنتى، تۇرقۇي كەنتى، تىگەن كەنتى، تۇغچى كەنتى، تۆۋەن تېتىر كەنتى، بىنام كەنتى قاتارلىق 14 مەمۇرىي كەنت كومتېتى بار.
سۆگەت يېزىسىدا يېزا بويىچە تەسىس قىلىنغان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ بىرى بار، ئۇنىڭدىن باشقا 11 كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى، جەمئىي 35640 نەپەر ئوقۇغۇچى بار بۇلۇپ، ئۆرلەپ ئوقۇش ۋە مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى % 100 كە يەتكەن. يېزا بويىچە شەكىللەنگەن ياخشى بولغان تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش، مەدەنىي بولۇش كەيپىياتى، قالايمىقانچىلىق-مالىمانچىلىقنى پەرق ئىتىشنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىش، ھەممە كىشى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بەربا قىلىپ، باغۋەنچىلىك ۋە چارۋىچىلىقنى يېتەكچى كەسىپ قىلغان ئاساستا ئىلمىي پىلانلاپ، كۆلەملەشتۈرۈپ تېرىپ، كونا مېۋىلىك باغلارنى ئۆزگەرتىش تەدرىجىي ھالدا ئۈنۈم ياراتقان. بۇلتۇر يېزىدىكىلەرنىڭ 3100 مو يەرگە 160 مىڭ تۈپ كۆچەت تىكىلگەن. كونا سورتلارغا نىسبەتەن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، مېۋىلىك دەرەخ تۈرىدە ئاساسىي جەھەتتىن ياخشىلىنىش بولغان. چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە، سۆگەت يېزىسى مول بولغان يايلاق كۆلىمى 4000 مو بۇلۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىر قانچە يېزىسىدىكى دېھقانلارنى چارۋىچىلىق ئوت-چۆپى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article سۆگەت يېزىسى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.