سۆكسۆك

سۆكسۆك - لويلا ئائىلىسىگە تەۋە بىر خىل ئۆسۈملۈك بولۇپ، غولىنىڭ دىئامېتىرى 50 سانتىمېتر كېلىدۇ.

قۇرغاق، چۆللۈك رايونلارنىڭ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئورمان بىنا قىلىشتىكى ئېسىل دەرەخ تۈرى

ئۇيغۇرچە نامى سۆكسۆك
ئىنگلىزچە نامى Haloxylon ammodendron (C. A. Mey.) Bunge
تەۋەلىكى ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
سىنىپى جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى لويلا ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 梭梭
تارقالغان رايونلار جۇڭگو، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيە
تىپى يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
تۈركۈمى مەركىزى ئۇرۇق ئەترىتى

ھەققىدە

سۆكسۆك - لويلا ئائىلىسىگە تەۋە، قۇملۇقتا قۇمنى تۇراقلاشتۇرىدىغان بىر خىل ئۆسۈملۈك، غولىنىڭ دىئامېتىرى 50 سانتىمېتر كېلىدۇ. قوۋزىغىنىڭ رەڭگى ئاقۇش كۈل رەڭ، ياغىچى چىڭ، چۈرۈك، كونا شاخلىرى قوڭۇر كۈلرەڭ ياكى سۇس سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە، ئادەتتە ھالقىسىمان شەكىلدە تارالغان يېرىقچىلار بولىدۇ. شاخلىرى ئىنچىكە، يانتۇ ياكى ئەگرى ئۆسىدۇ. يوپۇرمىقى تەڭگىچە شەكىللىك، كەڭ ئۈچ بۇرجەك، ئالدى ئۇچى سەل دىقماق. بوغۇم ئارىلىقى 4-12 مىللىمېتىرغىچە كېلىدۇ.

شاخ قولتۇق ئارىسىدا پاختا - يۇڭ بار بولۇپ، چارۋىلارنىڭ يېمى قىلىشقا بولىدۇ. قىممەتلىك جۇڭيى دورىسى بولغان توشقانزەدىكى دەل سۆكسۆك يىلتىزىدا پارازىت ھالىتىدە ياشايدۇ. توشقانزەدىكى، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش، ياشانغانلارنىڭ گومۇشلۇق كېسىلىنى داۋالاش، جىگەرنى كۈچەيتىش، تارەتنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق 10 نەچچە خىل دورىلىق خۇسىسىيىتىگە ئىگە، كىشىلەر تەرىپىدىن « قۇملۇق ئادەمگىياھسى » دەپ تەرىپلەنگەن. بىراق سۆكسۆك ھازىر نەسلى قۇرۇش گىرداۋىغا يىتىپ قالغان ئۆسۈملۈك بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

ئالاھىدىلىكى

سۆكسۆك قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇشتا چوڭ رول ئوينايدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ئىسسىققا ۋە سوغۇققا ئوخشاشلا چىداملىق، يورۇقلىقنى ياقتۇرىدۇ، سايە جايغا چىدامسىز كېلىدۇ، ماسلىشىشچانلىقى كۈچلۈك، تېزلىكتە ئۈسۈپ يىتىلىدۇ، شاخلىرى زىچ، يىلتىز سېستىمىسى تەرەققىي قىلغان، بوراندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئېلىمىزنىڭ غەربىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇلنىڭ قۇرغاق، چۆللۈك رايونىغا قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپ ئورمان بىنا قىلىشتىكى ئېسىل دەرەخ تۈرى ھېسابلىنىدۇ .

ئالبۇم

Tags:

ئۆسۈملۈك

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

ۋىكىپېدىيە ۋەخپىRutherfordiumكارل ماركىسمۇھەممەد زەھرىددىن بابۇرزايوم ئەڭ كۆپ دۆلەت1987 - يىلىگوللاندىيەئىۋاتە ناھىيىسىيۈەن سۇلالىسى1999 - يىلى1991 - يىلىئاۋستىرالىيەئىسىمجامال ئابدۇناسىرئوغۇزنامهئېلانرەغايىب كېچىسىWyéna1977قازاقىستانمۇھەممەد ئەلەيھىسسالام2009 - يىلىگۇئارانچەبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىخەلقئارا ئاياللار بايرىمىUyghur tili1- فېۋرالSidnéy1911 - يىلى8- فېۋرالئىنگلىز تىلىموسكۋائۇيغۇر ئاپتونوم رايونىتاگالوگ تىلىSan Fransisko29- قەھرىتان1917Lilئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدەداغىستانئۆسۈملۈك1942 - يىلىناۋاسسا ئاراللىرىWashington Shitatiيوتىيۇبئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسى13- فېۋرال1893قىرىم ئۇرۇشى8- ئۈمىدۋىدا خۇتبىسى5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى2012 - يىلىھىلاكوخانچىمەلتەكۋەھرانگرېتسىيەتوڭلاتقۇتامىل تىلىI ئەھمەھ تۇغانخانئۇيغۇرلاردىكى نان مەدەنىيىتى2001ئاۋغۇستئۇيغۇرچەجۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىBash Bet🡆 More