سىيەك يېزىسىكېرىيە ناھىيىسى بازىرىنىڭ غەربىگە 16 كىلومىتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.
يېزىنىڭ شىمال تەرىپىدە توغراغاز يېزىسى، شەرق تەرپىدە دېھقانچىلىق مەيدانى بار، جەنۇبىي تەرىپى شەنبە بازار بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي تەرىپى شىۋول يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. يېزىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 15 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 8 كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 220.48 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كېرىيە دەرياسى تاشقىن تىنما تۈزلەڭلىكنىڭ شىمالىي قىسىمىنىڭ يەر شەكلى غەربىي جەنۇبتىن شەرقىي شىمالغا قىيسايغان. تۇپراقنىڭ شورلىشىش دەرىجىسى بىر قەدەر ئېغىر، تۇپراق سۇغىرىلما تىنما تۇپراق بۇلۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1416.5 مېتىر كېلىدۇ.
سىيەك يېزىسى 斯也克乡.Siyek town | |
كېرىيە ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | يېزا |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | خوتەن ۋىلايىتى |
ناھىيە | كېرىيە ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 14 دانە |
نوپۇس | 22 مىڭ |
يەر مەيدانى | 220.48 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 903(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新R |
تور بېكەت | كېرىيە ناھىيىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تورى |
سىيەك يېزىسى تەۋەسىدە 14 كەنت بار بۇلۇپ، قىتىچى كەنتى، قاتىياق كەنتى، كۆكمەت كەنتى، ھالداشمان كەنتى، سىيەك كەنتى، تۆۋەن سىيەك كەنتى، قىغاز كەنتى، مەكىت كەنتى، جىرىق كەنتى، بەشتوغراق كەنتى، تولغاي كەنتى، نۇركۆل كەنتى قاتارلىقلار.
يېزىنىڭ ھاۋا كىلىماتى ئىللىق ھەم قۇرغاق بۇلۇپ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 45.8 مىللىمېتىر، يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2479.8 مىللىمېتىر. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃11.6، 1-ئايدىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃24.3-، 7- ئايدىكى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى ℃41.2. بىر يىلدىكى قىروسىز مەزگىلى 205 ~ 210 كۈن ئەتراپىدا. ئادەتتە شامال كۈچى 3 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 9 بالغا يېتىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article سىيەك يېزىسى (كېرىيە ناھىيىسى), which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.