سوپىتورغاي

سوپىتورغاي يايلاقنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇشلىرنىڭ بىرى، كىچىك تىپتىكى سايرايدىغان قۇشلار تۈرىگە تەۋە، كۆپ ھاللاردا بىر تەرەپتىن ئۇچۇپ بىر تەرەپتىن سايرايدۇ، ناھايىتى ئېگىز ئۇچىدۇ، كىشىلەر كۆپ ھاللاردا، پەقەتلا ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى كۆرەلمەيدۇ.

 

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سوپىتورغاي


ئىنگلىزچە نامى :lark

تارقالغان رايونلار :ئىچكى موڭغۇل، خېبېي ۋە چىڭخەي

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :قۇشلار سىنىپى

ئائىلىسى :تورغايلار ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :سوپىتورغاي ئۇرۇقدىشى

تۈرى :تورغاي

باشقا نامى :ئامېرىكا سېرىق قۇشقىچى، بۇلبۇل


كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

ئەترىتى :قۇشقاچسىمانلار ئەترىتى

ئىككىنچى نامى :موڭغۇل ئانتۇس قۇشى

تونۇشتۇرۇلۇشى

5پارچەسوپىتورغايسوپىتورغاي يايلاقنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك قۇشلىرنىڭ بىرى، كىچىك تىپتىكى سايرايدىغان قۇشلار تۈرىگە تەۋە، كۆپ ھاللاردا بىر تەرەپتىن ئۇچۇپ بىر تەرەپتىن سايرايدۇ، ناھايىتى ئېگىز ئۇچىدۇ، كىشىلەر كۆپ ھاللاردا، پەقەتلائاۋازىنى ئاڭلاپ ئۆزىنى كۆرەلمەيدۇ، قۇرغاق تاغلىق رايون، چۆللۈك، چۆل-باياۋان، ئوتلاق ياكى قورام تاشلاردا يالغۇز، كۆپ توپلىشىپ ياشايدۇ، كۆپىيىش مەزگىلىدىن باشقا ۋاقىتلاردا دائىم توپلىشىپ ياشايدۇ،  دائىم قىسقا ئارىلىققا پەس ئۇچۇپ ياكى يۈگۈرەپ، ھاشارات ۋە ئوت-چۆپ ئۇرۇقى بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئاۋازى جاراڭلىق بولغاچقا، «سوپىتورغاي» يېقىملىق ئاۋازىنىڭ تەسۋىرلەش سۆزى بولۇپ قالغان. رەڭگى كۆپ خىل بولۇپ، قىزىل، كۆك قاتارلىق رەڭلىرى بار.

سىرتقى شەكلى

5پارچەسوپىتورغايسوپىتورغاي بالاغەتكە يەتكەندە جۇغى كىچىك، ئۇزۇنلۇقى 190 مىللىمېتىر، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 30 گرام. قوڭۇر رەڭلىك تاجى بار بولغىنى

ئەركەك سوپىتورغاينىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇنىڭ باش قىسمى ۋە ئارقا بويۇن ئىگە ئوخشاش رەڭدە، قاش ۋە كۆز چانىقى ئەتراپىدىكى ئاق قوڭۇر رەڭگى تېخىمۇ چىرايلىق. ئۇنىڭ قېشى ئەڭ خاسلىققا ئىگە، گەجگىسىگىچە سوزۇلغان. سوپىتورغاينىڭ دۈمبە ۋە بەل قىسمى ئاساسەن قوڭۇر رەڭلىك، قانىتىنىڭ يان تەرىپىدە پەيلىرى قارامتۇل قوڭۇر، قۇيرۇق گىرۋىكىدە سۇس ئاق راڭلىك تۈكلەر بار. مەيدىسىگە ئىككى سىممېترىك قارا چىپار سىزىقلار بار، دەل ۋە كۆكسىنىڭ يۇقىرى قىسمىغا تۇتاشتۇرۇلغان. پېشانە قىسمى ۋە گېلىدا ئۇزۇن ئاق پەيلەر بار، دەل بەدەننىڭ تۆۋەن قوڭۇر رەڭنى، ئاق رەڭ گەۋدىلەندۈرگەن.

سۇپتورغاينىڭ ئەركەك چىشىسىنىڭ تەن رەڭگى ئاساسەن ئوخشاش، لېكىن چىشى قۇش پىشانىسى ۋە بويۇن قىسمى قوڭۇر رەڭلىك تۈكى ئەركەك قۇشقا قارىغاندا ئاز، سۇس قوڭۇر رەڭلىك پەيلەر بىلەن قاپلانغان، لېكىن كۆكرىكىدە ئەركەك قۇشنىڭكىدەك روشەن ئىككى قارا چىپار سىزىقلار يوق. ئېغىزى ئەتراپىدىكى رەڭگى سېرىق، پۇت بارماقلىرىنىڭ گۆشى ھال رەڭ، تىرنىقىنى ۋە ئادەتتىكى قۇشلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان، ئارقا پۇتلىرى بار، ئادەتتىكى قۇشلارنىڭ ئارقا پۇتلىرى چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە سوزۇلۇپ تۇرىدۇ، تىرناق رەڭگى قوڭۇر.

سوپىتورغاينىڭ بېشىدا چىرايلىق پەي تاجسى بار، تۇمشۇقى بىرقەدەر كىچىك ھەم يۇمىلاق كونۇس شەكىللىك، بەزىلىرى ئۇزۇن ھەم سەل ئېگىلگەن. كۆپ ھاللاردا ئاسما پەي. قانىتى سەل ئۇچلۇق ھەم ئۇزۇن، قۇيرۇقى قانىتىدىن قىسقا، تاپان كەينى گىرۋىكى بىر ئاز گال، قالقانسىمان قاسىراقلىرى بار، ئارقا پۇتلىرى ئۇزۇن ھەم تۈز.

سوپىتورغاينىڭ ئوتتۇراھال تەن تېپى (16 سانتىمېتىر) قېنىق رەڭلىك تورغاي. باش سىزىقچىلىرى كۆركەم. ئەركەك قۇش يىرىك قارا كۆرۈنىدۇ بەلبېغى، يۈزىنى قارا ۋە ئاق رەڭلىك ياكى سېرىق رەڭلىك سىزىقچىلىرى بار، تاج ئۇچىدا قارا سىزىق بار، كەينىگە سۈرۈلۈپ ئالاھىدە كىچىك «مۈڭگۈز» ھاسىل قىلغان. يۇقىرىقى گەۋدە بىر نەچچە ساپ قېنىق قوڭۇر رەڭدە، بەدىنىنىڭ ئاستىنقى قىسمى ئاق رەڭلىك، ئىككى بىقىندا بەزى قوڭۇر رەڭلىك سىزىقلىرى بار. چىشى قۇشلارنىڭ رەڭگى تۇتۇق «مۈڭگۈزى يوق»، لېكىن باش سىزىقچىلىرى بار بولىدۇ. ئۇچقاندا، قانات ئاستىدىكى ئاق رەڭلىك. بىر قانچە كەنجى تۈرلىرى سەل پەرقلىنىدۇ.

تۈرلىرى

5پارچەسوپىتورغايسوپىتورغاينىڭ ئىككى داغلىق بوزتورغاي، موڭغۇلىيە بوز تورغىيى، سوپى تورغاي، بوز تورغاي، قىسقا بارماقلىق تورغاي، كىچىك تورغاي، بۇلبۇل قاتارلىق تۈرلىرى بار.

ياشاش ئادىتى

5پارچەسوپىتورغايسوبتورغاي ئەركىن پەرۋاز قىلغاندا بۇلۇتلار ئارىسىغا شۇڭغىيالايدۇ، بىر تەرەپتىن ئۇچۇپ، بىر تەرەپتىن سايراپ، لەرزان ئۇچۇش ھالىتى بىلەن باشقا قۇشلارنى ھەۋەس قىلدۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۇچۇشى قۇشلاردا يوق بىر «گۈزەللىك» دەپ ئاتىلىدۇ. يەر يۈزىدە مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ياز كۈنلىرى، كۈچلۈك ئاپتاپ نۇرى ئاستىدا، يەر يۈزىدىكى تېمپېراتۇرا 30 سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەندە، ئەركىن-ئازادە ياشىيالايدۇ. قىشتا يەر يۈزى قار توختىماي يېغىپ كەتسىمۇ ئۇزۇقلۇق تاپالايدۇ، ئۆزىنىڭ قورسىقى توقلاش ئۈچۈن، ئۇلار ۋاقىتلىق كوللېكتىپ كۆچۈش قىلىدۇ.

سوبتورغاينىڭ يېمەكلىك تەلىپى يۇقىرى ئەمەس،  يۇمران بىخ ۋە قۇرت-قوڭغۇز قاتارلىق كىچىك ئوت ھاشارەتلەرنى يەيدۇ. ياز ۋە كۈز كەلگەندە، بەزى ھاشاراتلەرنى يەيدۇ، قىش كەلگەندە، ئۇلار پەقەت بەزى ئوت-چۆپ ئۇرۇقى ۋە دانلىق زىرائەتلەرنى ئوزۇق قىلىدۇ، سوبتورغاي دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتمايدۇ، ياز پەسلى كەلگەندە، ئۇلار قۇش بالىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن نۇرغۇن قۇرۇت تۇتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىق، دېھقانچىلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا كەم بولسا بولمايدىغان قۇش.

كۆپىيىش ئۇسۇلى

5پارچەسوپىتورغايسوبتورغاينىڭ كۆپىيىش مەزگىلى 5-ئايدىن 7-ئايغىچە، چۆپلەرنىڭ تۈۋىدىگە ئۇۋا ياسايدۇ، ھەربىر ئۇۋىغا 4 ~ 5 تۇخۇم تۇغىدۇ، تۇخۇمى سۇس قوڭۇر ياكى ئاق رەڭلىك، ئۈستىدە قويۇق قوڭۇر چېكىتلەر بار.

تارقىلىش دائىرىسى

سۇپتورغاي جۇڭگو نىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى كۆچمەس قۇشلار، ياز پەسىللىك قۇشلار، كۆچۈش مەزگىلىدە شىمالىدا سانى كۆپ.

قوغداش دەرىجىسى

سۇپتورغاي دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

مەنبە: ئىزدە قامۇسى

Tags:

سوپىتورغاي ئاساسىي ئۇچۇرلىرىسوپىتورغاي تونۇشتۇرۇلۇشىسوپىتورغاي سىرتقى شەكلىسوپىتورغاي تۈرلىرىسوپىتورغاي ياشاش ئادىتىسوپىتورغاي كۆپىيىش ئۇسۇلىسوپىتورغاي تارقىلىش دائىرىسىسوپىتورغاي قوغداش دەرىجىسىسوپىتورغاي

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

چوكامىنۇتتاڭ سۇلالىسى2020 - يىلى8- ئۈمىدساليوترەغايىب كېچىسى20031996 - يىلىقۇياش29- ئۆكتەبىرھىندونېزىيە1997ئۇيغۇرلاردىكى نان مەدەنىيىتىتۈرلەرئەلىشىر نەۋائىپاراگۋايئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىگۇئارانچە1954ۋىدا خۇتبىسىنىگېرئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىروزۋېلتجورجىت يېزىقى191712 - نويابر1911 - يىلىقازاقىستانTuwaluنۇھ ئەلەيھىسسالامSan Fransisko2009 - يىلى30- كۆنەكBritani Kolumbiye6- فېۋرال11 - دېكابرمولدوۋاكاۋكاز تاغ تىزمىسىكۇۋەيتشىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىمىسىر1810 - يىلىئەينەكشۋېتسىيەWérsaylئاۋغۇستئوكسىگېنتور (ئىنتېرنېت)ئىنگلىز تىلىمالتا تىلىدوھايەكەن ناھىيىسىئىزئۇيغۇر تېبابىتىئۈندۈرمەبۈيۈك بېرىتانىيەلوندونلۇتپۇللا مۇتەللىپ19896 - فېۋرالئۇيغۇرلارئۆسۈملۈكبەئلەبەك🡆 More