ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى

ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى، 2011 - يىلى ئاپرېلدا ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە مەسئۇلى دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ تەرىپىدىن قۇرۇلغان.

ھەققىدە

«ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى» تورى بۈگۈنكى دەۋر تور تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ئىلغار قوراللاردىن پايدىلانغان ئاساستا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەرەب تىلى ۋە شەرئىي بىلىملەرنى ئانا تىلىدا ئىگەللىشىنى قۇلايلاشتۇرۇش، كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرگە توغرا دىئاگنوز قويۇپ ئۇلارنى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائەنىڭ ئوتتۇراھاللىق مەيدانىنى ئەكس ئەتكۈچى شەرئىي پەتىۋالار، دىنىي ۋە ئىلمىي ساپانى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولغۇچى كىتاب-ئەسەرلەر ۋە ماقالە-يازمىلار بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى سۇنۇپ كەلمەكتە.

نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى

«ساجىيە» دېگەن نام مىلادى 926 - يىلى تۇنجى ئۇيغۇر ئىسلام خاقانى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ يارلىقى بىلەن دىيارىمىزدا قۇرۇلغان قەدىمىي ۋە تۇنجى بىلىم - مەرىپەت بۆشۈكىنىڭ نامى بولۇپ، «بىلىم-مەرىپەت بۆشۈكى، ئىلىم تارقىتىش ماكانى» دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە.

ئۆز دەۋرىنىڭ مەرىپەت بۇلىقى بولغان، «بىلىم تارىتىش»تىن ئىبارەت ئۇلۇغ مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتنى ئۆزىگە تۇغ قىلغان بۇ مەدرىسە ئۆتمۈشتە تالاي قەھرىمانلارنى، ئۇلۇغ ئەللامىلەر ۋە بۈيۈك شەخسلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ كەلگەن ئىلىم مۇئەسسەلىرىدىن بىرىدۇر. مىللەتنىڭ ئىلىم - ئىرپان ئۇسسۇزلىقىغا مەلھەم بولۇپ كەلگەن بۇ مۇئەسسەسەنىڭ سىمالىرى كۈنىمىز ئەۋلادلىرىنىڭ ئېڭىدا سۇسلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۆز دەۋرىنىڭ مائارىپ مەشئېلىنى چاقناتقان بىر خەلق ئىكەنلىكىمىز ئەستىن كۆتۈرۈلمەكتە. قىسقىسى، مۇشۇنىڭدەك ئىلمىي مۇئەسسەسەلەرنىڭ مىللىتىمىز كىملىكىنى ساقلاشتىكى رولى، مەدەنىيىتىنى قۇرۇپ چىقىشتىكى تۆھپىلىرى ئۇنتۇلۇپ بارماقتا.

مەقسىتى

«ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى» خاراكتېر جەھەتتىن «مەرىپەت تارىتىشتىن» ئىبارەت ئەجدادلارنىڭ ئۇلۇغۋار روھىغا ۋارىسلىق قىلىشنى كۆزلەپ قۇرۇلغان بولۇپ، تور بېكەت ئۇيغۇر خەلقىگە دىنىي ۋە شەرئىي بىلىملەرنى ئەڭ ئىشەنچلىك، ئاممىباب ۋە بۈگۈنكى دەۋر تىلى بىلەن چۈشەندۈرۈشنى ئاساس قىلغان، ئۇچرىغان دىنى مەسىلىلەرگە شەرىئەت نۇقتىسىدىن ئىلمىي جاۋاب بېرىش ئارقىلىق دىنىي بىلىم ساھەلىرىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى ئۆزىگە بۇرچ قىلغان بىر تور مۇئەسسەسەسىدۇر.

تور بېكەت ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە بىرلىكىنى ھىمايە قىلىش، ئىسلام ئەقىدىسى، ئىسلام شەرىئىتى، ئىسلام ئەخلاقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ كاتېگورىيە بويىچە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ قايتا قەد كۆتۈرۈشىگە بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش، دىننىڭ ئالەمشۇمۇللىقىنى، ئوتتۇراھاللىقىنى، ھەر دەۋر ۋە شارائىتقا مۇناسىپلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە بۇ ئاساستا ئەزىز ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇيغۇرلۇق كىملىكىنىڭ ئايرىلماس بىر تەركىبى بولغان مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى ساقلىشىغا ھەمدەم بولۇشتەك ئۇلۇغۋار مەقسەتلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەنبەلەر

Tags:

ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى ھەققىدەساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى مەقسىتىساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورى مەنبەلەرساجىيە ئىسلام بىلىملىرى تورىئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

2009 - يىلىسوۋېت ئىتتىپاقىمالتا تىلىزايوم ئەڭ كۆپ دۆلەتSan Fransisko1983 - يىلىھىندىستان ئالىي سوتىئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى2003 - يىلىيىللارغا جاۋاپخىتايئانىلار بايرىمىتۈرلەرئۆزبېكىستانساليوتئىخلاس شىركىتىSidnéyئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىئوترارئۆسۈملۈكدىسپروزىيتاڭ سۇلالىسى1918 - يىلىتۈركمەنىستانئىزئاۋستىرالىيەئابدۇرەئوپ پولات تەكلىماكانىيۋەھرانئۇيغۇرلارھوللىۋودئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىدۆلەتروزۋېلتپراگاچىڭگىزخانئىلىدىكى تاتارلار ھەققىدەئامېرىكا ئالەم بوشلۇقى ئارمىيەسىگالىلېينۇر تورىBash BetTürkiyeكوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسىۋېنىسىيە تىلى1999 - يىلىتۆمۈر9- فېۋرالISO 3166-1ۋىلادىمىر پۇتىنيىلئىسا ئەلەيھىسسالامھىندونېزىيە26- قەھرىتانخەلقئارا ئاياللار بايرىمىئوغۇزنامهكاربونفرانسىيە مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىقان سىيىشبېنگال تىلىq5vhiشۋېتسارىيە1934 - يىلى1961 - يىلىشىفىرلىق پۇللار تىزىملىكىموسكۋانىگېر1987 - يىلىتانزانىيە1917يۈننەن🡆 More