رەقەملىك تېلېۋىزىيە رەقەملىك سىگنال بىر تەرەپ قىلغۇچ، كەڭ دائىرىلىك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى ياساش، كومپيۇتېر قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك پەن – تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، رەڭسىز ۋە رەڭلىك تېلېۋىزىيەدىن كېيىنلا بارلىققا كەلگەن، سۈزۈكلۈك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان ئۈچىنچى ئەۋلاد تېلېۋىزوردۇر.
رەقەملىك تېلېۋىزىيە ئەمەلىيەتتە ئائىلىلەردىكى قوبۇللاش ئاپپاراتىنىلا كۆرسەتمەستىن، بەلكى تارقىتىش، يەتكۈزۈشتىن تارتىپ قوبۇل قىلىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
رەقەملىك تېلېۋىزىيە ئەمەلىيەتتە ئائىلىلەردىكى قوبۇللاش ئاپپاراتىنىلا كۆرسەتمەستىن، بەلكى تارقىتىش، يەتكۈزۈشتىن تارتىپ قوبۇل قىلىشقىچە بولغان پۈتكۈل جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن يوللانغان سۈرەت ۋە ئاۋاز سىگنالى رەقەمنى پىستېرلاش ۋە رەقەملىك تەڭشەش قاتارلىق ھالقىلاردىن ئۆتىدۇ، شەكىللەنگەن رەقەملىك تېلېۋىزىيە سىگنالى ئادەتتە ھاۋادا سىمسىز ياكى كابېل سىمىدىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىل ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ. رەقەملىك تېلېۋىزىيەدىكى قوبۇللىغۇچ قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، رەقەملىك يېشىش ۋە رەقەملىك كۆرۈنمە ئاۋاز چاستوتىلىق كود يېشىپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن، ئەسلىدىكى سۈرەت ۋە ئاۋاز ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article رەقەملىك تېلېۋىزىيە, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.