روزى سالى، ئەر، ئۇيغۇر، 1927-يىلى قارچۇغا يېزىسى چوڭ مەھەللە كەنتىدە چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.
ئازادلىقتىن ئىلگىرى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1953-يىلى لوپنۇر ناھىيە 2-رايون 9-يېزا ئات قوتان كەنتىدە باشلىق بولغان. 1954-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە لوپنۇر ناھىيە 3-رايون 10-يېزىغا قاراشلىق بولغان. 1956-يىلىدىن1979-يىلىغىچە ناھىيلىك ئاشلىق ئىدارىسىدە ئىشلىگەن.1979-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە دۆڭقۇتان يېزىلىق ھۆكۈمەتتە ئىشلىگەن.1990-يىلى ئارامغا چىققان.روزى سالى كىچىكىدىن باشلاپلا تاغىسى ئىسمايىل ئىسلامغا ئەگىشىپ ئۇنىڭدىن قوشاق ئۆگەنگەن ھەم ئۆزى بىر قىسىم قوشاقلارنى ئىجاد قىلىپ داڭلىق قوشاقچى بولۇپ يېتىشكەن. ئۇ كۆپ قېتىم ناھىيە، ئوبلاست، ئاپتونوم رايونلاردا ئېچىلغان قوشاق ئېيتىش يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ مۇكاپاتلانغان.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article روزى سالى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.