جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى (خەنچە: 中国共产党، ئىنگ: The Communist Party of China، قىسقارتما: CPC) قىسقىچە، جۇڭگو كومپارتىيىسى ياكى ج ك پ.
جۇڭگو كۇممۇنىستىك پارتىيىسى، 1921- يىل 7- ئايدا قۇرۇلغان، 1949- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن ئېتىبارەن، ئىشچىلار سىنىپىغا ۋاكالەتەن ئىشچى دېھقانلار ئىتتىپاقى ۋە بىرلىكسەپكە رەھبەرلىك قىلماقتا، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلىقىدا خەلق دېموكراتىك ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان بىردىنبىر پارتىيىدۇر. جۇڭگو كۇمپارتىيىسى ئۆزىنى، جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگو سوتسىيالىزىم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، جۇڭگو ھەرمىللەت خەلقىنىڭ مەنفەتىنىڭ ۋەكلى دەپ ئاتايدۇ. جۇڭگو كۇمپارتيىسى ماركىسىزىم-لېنىنىزىم، ماۋزېدوڭ ئىدىيىسى، دېڭ شىياپىڭ نەزەرىيىسى، "ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش" مۇھىم ئىديىسى ۋە ئىلمىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت مىزانى، ئەڭ ئاخىرىقى مەقسىدى كوممۇنىزىملىق سوتسالىستىك تۈزۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.