توققۇزاق بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونا شەھەر ناھىيەسىگە قاراشلىق بازار بۇلۇپ، قەشقەر شەھىرى بىلەن بولغان ئارلىقى 18 كىلومېتىر كېلىدۇ.
قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەلىك پارتكومى، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى تۇرۇشلۇق جاي.
توققۇزاق بازىرى 托克扎克镇.Toqquzaq town | |
كونا شەھەر ناھىيىسىنىڭ خەرىتىدىكى ئورنى | |
مەمۇرىي رايون شەكلى | بازارلىق |
ئاپتونوم رايون | شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى |
ۋىلايەت | قەشقەر ۋىلايىتى |
ناھىيە | كونا شەھەر ناھىيىسى |
مىللەتلەر | ئۇيغۇر |
تىللار | ئۇيغۇرچە |
كەنت سانى | 11 دانە |
نوپۇس | 34 مىڭ |
يەر مەيدانى | 8.7 كۋادرات كىلومېتىر |
ۋاقىت رايونى | UTC+6 |
تېلېفون رايون نومۇرى | 998(0)86+ |
ماشىنا تاختا نومۇرى | 新Q |
توققۇزاق بازىرىغا قاراشلىق 5 مەمۇرىي كەنت، 5 مەھەللە بۇلۇپ، ئۇلار : ئاۋات مەھەللىسى، يېڭى رايون مەھەللىسى، نۇرباغ مەھەللىسى، گۈلباغ مەھەللىسى، سايباغ مەھەللىسى، پىلال كەنتى، شوغۇز كەنتى، ئىشلەمچى كەنتى، ئاياغ شياۋگۇ كەنتى، يۇقارقى مەنگەن كەنتى قاتارلىقلار.
توققۇزاق بازىرى بازارنى يېتەكچى قىلىپ، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ماددىي ۋە مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، شەھەر-بازارلاردىكى ئاشلىق، كۆكتات، گۆش، سۈت قاتارلىق يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە يېمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەشلە كاپالەتلىك قىلىپ، يېمەك-ئىچمەك، تاماشا، مەھەللە مۇلازىمىتى ۋە بىناكارلىق، قاتناش-ترانسپورت قاتارلىق 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ تەرەققياتى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ئىشلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلغان. 2003-يىلى پۈتۈن بازاردىكى ئىقتىسادىي ئومۇمىي كىرىمى 18 مىليون 97 مىڭ يۈەن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 1367 يۈەن بولغان. 3850 توننا ئاشلىق، يىل ئاخىرىدا قولدا قالغان چارۋا 33400 تۇياق (دانە)؛ ئالاھىدە كەسىپ ۋە 2-، 3-كەسىپ دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە كۆكتات پارنىكى بار.
توققۇزاق بازىرى شەھەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، شەھەر-يېزا ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، شەھەر-بازار ئاھالىسىنىڭ «كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر» ئىشلەپچىقرىشى، شەھەر-بازار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەر-بازار مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاپ، نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ ۋە زورايتىپ، شەھەر-بازارلاردىكى 2-، 3-كەسىپ، يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ يۆتكىلىشى، زامانىۋىلاشقان يېڭى تىپتىكى مۇھىت ئاسرايدىغان شەھەر قەدىمىنى تېزلەتتى.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article توققۇزاق بازىرى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.