ئۈجمە ئۈجمە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئۈجمىگە ئۇرۇقداش بولۇپ، مېۋىسى، يوپۇرمىقى ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇيغۇرچە نامى :ئۈجمە
چىقىش ئورنى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق
4پارچەئۈجمەئۈجمە ئۈجمە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان دەرەخ، ئۈجمىگە ئۇرۇقداش بولۇپ، قوۋزىقى تېيىز يېرىلىدۇ، يوپۇرمىقى تۇخۇم شەكلىدە، گۈلى تاق جىنسلىق، گۈل يېپىنچىسى سارغۇچ يېشىل كېلىدۇ. يوپۇرمىقى بىلەن پىلە بېقىلىدۇ، يۇمران شاخلىرىنىڭ ئەۋرىشىم قوۋزىقىدىن چىققان تالالىرىنى ماتېرىيال قىلىپ قەغەز ئىشلىگىلى بولىدۇ. مېۋىسى ئاق ياكى قارا قوڭۇر بولۇپ، تاتلىق كېلىدۇ، ئادەتتە ئىستېمال قىلىنىدۇ.
توسالغۇلارنى ئېچىش، تەبىئەتنى يۇمشىتىش، مېڭىگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش، بەلغەم بوشىتىش، ساپ قان پەيدا قىلىش، ئىششىق قايتۇرۇش، ئۆپكىنى قۇۋۋەتلەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، قىزىتما ياندۇرۇش، سۈيدۈك ۋە چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، تېرىگە رەڭ بېرىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئۈجمىنىڭ مېۋىسى، يوپۇرمىقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۈجمىنىڭ مېۋىسى، يوپۇرمىقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىدە ھۆل ئىسسىق.
ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى پىشقاندا مېۋىسىنى يىغىۋېلىپ قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
6پارچەئۈجمەھۆل ئۈجمىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، تال، جىگەر كېسەللىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ؛ باھنى قۇۋۋەتلەپ، بۆرەكنىڭ ياغلىرىنى كۈچلەندۈرۈپ، كىشىنى سەمرىتىدۇ.
ئۈجمىنىڭ يوپۇرمىقىنى قاينىتىپ غار غار قىلىپ بەرسە، گال ئاغرىقلىرىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈجمىنىڭ سىقىپ چىقىرىلغان سۈيىگە سىركە قوشۇپ ئىستېمال قىلىپ بەرسە، قىزىتمىلارنى ياندۇرىدۇ.
ھۆل ئۈجمىنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىپ بەرسە، گالنىڭ يىرىكلىكى، ئاۋاز پۈتۈپ قېلىش، گال ئىششىقى ۋە يۇتقۇنچاق، بادامسىمان بەز ياللۇغى، تېرە قۇرغاقلىشىش، سۈيدۈك ئېچىشىپ كېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن 35 گرام، سوغىگۈلدىن تۆت گرام، ئاق تۇرۇپتىن 70 گرام، نەشپۈتتىن بىر تال، ئاق شېكەردىن 35 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، بالىلاردىكى يۆتەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈجمە يوپۇرمىقىدىن 500 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ يەرلىك ئورۇننى ھورداپ يۇيۇپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈجمە يوپۇرمىقى، ۋاسالغۇ ۋە خام ئەگرىسۇنانىڭ ھەر بىرىدىن 20 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، نېرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق ۋە قان ئازلىققا مەنپەئەت قىلىدۇ.
10 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقىنى 12 گرام يۇلغۇن، ئۈچ پارچە خام زەنجىۋىل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، تارقىلىشچان زۇكامغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 12 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقىنى تۆت گرام يالپۇز، سەككىز گرام ئاچچىق ئۆرۈك مېغىزى، يەتتە گرام ئىزىلگەن بۇدۇشقاق ئۇرۇقى، سەككىز گرام پەربۇن، تۆت گرام قوڭغۇراقگۈل بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، قىزىلنىڭ باشلىنىشىدىكى قىزرىپ يۆتىلىشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۈجمە يوپۇرمىقى، قىرىقبوغۇم، سەبدىگۈل، مامكاپلارنىڭ ھەربىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مەنبە:ئىزدە قامۇسى
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئۈجمە, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.