Uyghur Tribunal
ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسى | |
قىسقارتىپ يېزىلىشى | UT |
قۇرۇلۇشى | 2021-يىلى |
تىپى | بىتەرەپ سوت |
باش شتاب | لوندون، ئەنگىلىيە |
رەسمىي تىللار | ئىنگىلىزچە، ئۇيغۇرچە |
رەئىس | جەفرى نايس (Geoffrey Nice) |
مۇھىم كىشىلەر | |
تور بەت |
ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسى (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى:Uyghur Sot Kollégiyisi) بولسا 2021-يىلى ئەنگىلىيەنىڭ پايتەختى لوندون شەھىرىدە قۇرۇلغان.
ئەنگلىيەنىڭ لوندون شەھىرىدە داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جېففىرىي نايس باشچىلىقىدا قۇرۇلغان «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» بۇ يىل 10-ماي كۈنى 4-ئىيۇندىن 7-ئىيۇنغىچە گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى.
«ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ يىغىن ھەققىدىكى باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، «ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى» نىڭ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىگە دائىتر توپلانغان دەلىل-ئىسپاتلار ۋە بۇ قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان گۇۋاھلىق ئاڭلاش يىغىندىكى گۇۋاھچىلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» جىنايىتى ئۈستىدىن قارار چىقىرىش ئىكەن.
جەمئىي توققۇز نەپەر سوت ھەيئىتى بار بولۇپ، ئۇلار:
سوت ھەيئىتىدىن باشقا ئادۋۇكاتلار ھەيئىتىمۇ بار بولۇپ:
15 نەپەر گۇۋاھچى لوندونغا كېلىپ گۇۋاھلىق بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە تۆت نەپىرى لاگېر شاھىدى.
ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق يىغىنى 2021-يىلى 4-ئىيۇن كۈنى لوندون ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا باشلىدى.
يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە 4-ئىيۇن كۈنى گۇۋاھلىق بەرگەنلەر:
---
ئۇندىن باشقا ئائىلىسى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن پاتىگۈل تالىپ، نورۋېگىيەدە قۇرۇلغان «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپ ئامبىرى» نىڭ خادىمى مۇئەتتەر ئېلقۇت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «قاراقاش تىزىملىكى» نى ئاشكارىلىغان ئاسىيە ئابدۇلئەھەد ۋە ئامېرىكادا ئوقۇغانلىقى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىنى قوغداش ئۈچۈن مەكتەپ ئاچقانلىقى سەۋەبلىك «سىياسىي جىنايەتچى» دەپ قارىلىپ تۈرمىگە سولانغان ئابدۇۋەلى ئايۇپ ھەمدە جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، «ئۇيغۇرلارغا ئېچىلغان ئۇرۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى شان روبېرتىس قاتارلىقلار گۇۋاھلىق بەردى.
يىغىن كۈنتەرتىپى بويىچە 5-ئىيۇن كۈنى گۇۋاھلىق بەرگەنلەر:
ئىككىنچى قېتىملىق تۆت كۈنلۈك ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 10-سېنتەبىر لوندوندا باشلانغان.
ئۈچىنچى قېتىملىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى 27-نويابىر ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسىنىڭ قانىلىدا نەق مەيدان ئۆتكۈزۈلگەن. گۇۋاھچىلار:
-سوتسىيالىست.
سوت نەتىجىسى 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق دائىرىلەر 25-ماي كۈنى بېيجىڭدا مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، قەلبىنۇر سىدىق، ئۆمەر بېكئالى، سايراگۈل ساۋۇتباي، زۇمرەت داۋۇت، گۈلباھار جېلىلوۋا قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.
2021-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق
-ۋاڭ جۈەن - ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئانا-بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئۇيغۇر سوت كوللېگىيىسى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.