ئۇيغۇر ئېلىپبەسى

ئۇيغۇر ئېلىپبەسى، تۈركىي تىللىق خەلقلەردىن بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان ھۆججەت، ۋەسىقە، تارىخىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى خاتىرلەشتە قوللانغان يېزىقلار بولۇپ، ئۇيغۇرلار

ئۇيغۇر ئېلىپبەسى
ئەسكەرتىش: 1. ئەگەر «Öö, Üü, Éé» لارنى كىرگۈزۈشكە ئىمكان بولمىغاندا، UKY بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن ماس ھالدا «Oo, Uu, Ee» لارنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

ئوخشىمىغان تارىخى دەۋىرلەردە ئوخشىمىغان يېزىقلار ئىشلەتكەن بولۇپ، ئۇلار تۈرك - رۇنىك يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، خاقانىيە ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى، ئۇيغۇر كونا يېزىقى ۋە ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى، ئۇيغۇر كرىل يېزىقى (قازاقىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا) قاتارلىقلار.

بۇگۈن ئۇيغۇرلار سەككىز سوزۇق تاۋۇش ۋە 24 ئۈزۈك تاۋۇشتىن ئىبارەت بىر ئېلىپبە قوللانماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار ئۈچ خىل يېزىق شەكلى قوللانماقتا.

بۇلاردىن باشقا 20- ئەسرنىڭ 60- يىللىرىدىن 80- يىللىرىغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قوللىنىلغان پىنيىن ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقى (Uyƣur Yengi Yeziⱪi \ UYY)، ئاللىبۇرۇن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

ئېلىپبە جەدۋىلى

ھازىر قوللىنىۋاتقان ئۇيغۇر يېزىقى جەمئىي 32 ھەرپتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سەككىزى سوزۇق تاۋۇشنى، 24 ى ئۈزۈك تاۋۇشنى ئىپادىلەيدۇ.

تەرتىب كونا يېزىق(UEY) لاتىن يېزىقى(ULY) يېڭى يېزىق(UYY) كرىل يېزىقى(USY) IPA
1 ئا A a А а /ɑ/
2 ئە E e Ə ə Ə ә /ɛ/~/æ/
3 ب B b Б б /b/
4 پ P p П п /p/
5 ت T t Т т /t/
6 ج J j Җ җ /d͡ʒ/
7 چ Ch ch Q q Ч ч /t͡ʃ/
8 خ X x H h Х х /χ/
9 د D d Д д /d/
10 ر R r Р р /r/
11 ز Z z З з /z/
12 ژ Zh zh Ж ж /ʒ/
13 س S s С с /s/
14 ش Sh sh X x Ш ш /ʃ/
15 غ Gh gh Ƣ ƣ Ғ ғ /ʁ/
16 ف F f Ф ф /f/
17 ق Q q Қ қ /q/
18 ك K k К к /k/
19 گ G g Г г /ɡ/
20 ڭ Ng ng Ң ң Ng ng /ŋ/
21 ل L l Л л /l/
22 م M m М м /m/
23 ن N n Н н /n/
24 ھ H h Һ һ /h/
25 ئو O o О о /o/
26 ئۇ U u У у /u/
27 ئۆ Ö ö Ɵ ɵ Ө ө /ø/
28 ئۈ Ü ü Ү ү /y/
29 ۋ W w W w / V v Вв /w/~/v/
30 ئې É é E e Е е /e/
31 ئى I i И и /i/~/ɨ/
32 ي Y y Й й /j/
  • سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ بېشىدا كېلىدىغان "ﺋ" باردۇر.
كرىل يېزىقى كونا يېزىق لاتىن يېزىقى يېڭى يېزىق IPA
Ю ю يۇ Yu yu /ju/
Я я يا Ya ya /ja/

مەنبەلەر


Tags:

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

ئاۋستىرالىيەبېدە ئۇرۇقىنيۇيورك ئۇنىۋېرستېتىسالم الكتبيWi-Fiيورغىلاپ مېڭىشۋىكىپېىيدىكى مەزمۇننى باشقا تىللاردىكى مەزمۇن بىلەن باغلاشئۆسۈملۈككامالا خارىسدىۋانۇ لۇغاتىت تۈركپاراگۋايخاسىڭPlatinaUTC5- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىفېمىنىزم3- فېۋرالمىزانئەلون ماسكDurhamشىمالىي مۇز ئوكيانLatin script articleتىلبيكاتشومېكسىكابیلگیسايار مۈھەندیسلیغی4 - ئىيۇن ۋەقەسىبېربېرلارDELL شىركىتىبولىۋىيەئۈمىد (ئىسرائىلىيە مىللىي مارشى)ئوسمانلىمانجۇ مىللىتىشەرقىي تۈركىستان11- فېۋرالئىسپانىيە ئىمپېرىيىسىمايكېل جېكسۇنسىتالىن195418841894 - يىلىقوشئۆگۈز شەھىرىبىرما197910- فېۋرالھىندونېزىيە تىلىبېلگرادئۇكرائىن تىلىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىزامانىۋىلىشىشكوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى13- فېۋرالئۆردەك كاۋىپىئېغىز بوشلۇقىستىفېن ۋىليام خاۋكىڭYéngi Orléan5- قەھرىتانKopénhagénلوندونۋېللىنگتوننېفىتئابلىز مەخسۇمۋىنېيەكالىفورنىيە شىتاتىسوۋېت ئىتتىپاقىTeyjong shehiriگلاسگوۋروسىيە2020 يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇسى (كوۋىد-19) ئامېرىكا يۇقۇم ئەھۋالىمىننېسوتا ئۇنىۋېرستېتى🡆 More