ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى (ئىنگلىزچە: Uyghur Academy، تۈركچە: Uygur Akademisi) ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2009-يىلى 9- ئاينىڭ 9- كۈنى ئىستانبۇلدا ئوقۇ-ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان توققۇز ئۇيغۇر زىيالىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ رەسمىي ئەنگە ئېلىنغان ۋە شۇنداقلا، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايۇنلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ۋە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن تەشكىل تاپقان يۈزلەرچە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە پەن-مائارىپ ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان قانۇنلۇق بىر تەتقىقات ئورگىنىدۇر.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تۈركىيەدىكى ئىشخانىسى ئىستانبۇلنىڭ ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايۇنىغا جايلاشقان بولۇپ، 3 ئىشخانا ۋە 4 سىنىپى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ ئامېرىكىدىكى مەركىزىدىن باشقا، تۈركىيە، ئامېرىكا، كانادا، ياۋرۇپا، ئاۋىسترالىيە، ياپۇنىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيالاردا 7 تارماق ئاكادېمىيەلىرى مەۋجۇتتۇر، بۇنىڭدىن سىرىت ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە بىۋاستە قاراشلىق قۇتادغۇ بىلىگ ئېنستىتۇتى، خىتاي تەتقىقاتى ئېنستىتۇتى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتى قاتارلىق ئورگانلار ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلماقتا.
ئۇيغۇر زىيالىلارنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىلىم-پەن ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئويغۇتۇش ۋە مىللىي كىملىكىنى قوغداش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۆرىشىدە ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش
مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن بىر ئۇنىۋېرسىتېت قۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئىھتىياجلىق مۇھىم ساھەلەردە كۆپلىگەن ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق، ئەركىن ۋە دېمۇگراتىك مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى قۇرۇلغاندىن بېرى، تۈركىيە، ئامېرىكا، كانادا، ياۋروپا، ياپونىيە، ئاۋىستىرالىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن بۇلۇپ، 20 دۆلەتتىن 200 گە يېقىن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە زىيالىلارنىڭ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىگە ئەزا، شەرەپلىك ئەزا ۋە ۋەكىل بولۇپ كىرىشى بىلەن خەلقئارالىق بىر تەشكىلاتقا ئايلاندى.
2010 – يىلى 5- ئاينىڭ 8 – كۈنىدىن 2021 – يىلى 12 - ئاينىڭ 11 – كۈنىگىچە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدە تۆت قېتىم دېمۇگراتىك يۈشۈرۈن ئاۋازدا ئېلىپ بېرىلغان سايلاملار ئارقىلىق، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەشكىلىي قۇرۇلمىسىدىكى كەم تەرەپلەر تۇلۇقلىنىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ، بۈگۈنكىدەك تەشكىلىي خىزمىتى سىستېمىلاشقان بىر ئۇيغۇر زىيالىيلار تەشكىلاتى – ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بارلىققا كەلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى شۇنچە ئىقتىسادى قېيىن شارائىتتا قۇرۇلغان بولسىمۇ، ھېچبىر تەشكىلات ۋە دۆلەتتىن ياردەم ئالمايمۇ يەنىلا ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى ۋە زىيالىلارنىڭ بىرلىكتە ۋاقتى بارلار ۋاقتىنى، كۈچى بارلار كۈچىنى ۋە پۇلى بارلار پۇلىنى چىقىرىپ مۆرىنى-مۆرىگە تىرەپ ئۇلۇغ ۋە ئاق كۆڭۈل ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مەۋجۇدىيىتى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن قىلالايدىغان ھەرقانداق ئىشنى مەيلى كىچىك مەيلى چوڭ دەپ ئايرىماي ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.
1) ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى
2) ئۇيغۇر ئانا تىل تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى
3) ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى
4) ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى
5) ئاكادېمىيە تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى
6) ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشىگە ياردەم قىلىش خىزمىتى
7) ئاكادېمىيە تورى ۋە تور كۈتۈپخانىسى خىزمىتى
8) ئاكادېمىيە لىكسىيەلىرى
9) ئاكادېمىيە ئىلمىي سۆھبەتلىرى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن كۈنىمىزگىچە ئۇيغۇر پەن – تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ ئىشلىگەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى پەخرى رەئىس ۋە رەئىسلىرى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 5 - قېتىملىق دېمۇگراتىك سايلىمىدا، توققۇز كىشىلىك ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىجرائىيە كومىتېتى تەشكىللەندى. ھەيئەت ئەزالار خالىس ھالدا بەدەلسىز ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر پەن-مائارىپىغا خىزمەت قىلىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئورگان تور بېتى
ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ۋاشىنگتوندا غەلبىلىك ئاخىرلاشتى
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.