ئىتالىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئاخىرىقى پادىشاھى ئۇمبېرتو II.
ئۇ 1904-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1983-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئۇيغۇرچە ئىسمى :ئۇمبېرتو II
دۆلەت تەۋەلىكى :ئىتالىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى :1904-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى :1983-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى
كەسپى :ئىتالىيە پادىشاھى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى :ۋاڭ تۇرىن ھەربىي ئىشلار ئىنستىتۇتى
چەتئەلچە نامى :Umberto II
ئۇ 1904-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى تۇغۇلۇپ، 1983-يىلى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.
1946-يىلى ئامېرىكىنىڭ مەدەت بېرىشى ئارقىسىدا ئىتالىيە خەلقى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويۇش شەكلىدە پادىشاھلىق تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرغان، شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بولغىنىغا ئەمدىلا 35 كۈن بولغان ئۇمبېرتو تەختتىن چۈشۈپ، ساۋوي خان جەمەتىنىڭ ئىتالىيەگە بولغان نەچچە ئەسىرلىك ھۆكۈمرانلىقى ئاياغلاشقان.
ئۇمبېرتو ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى ئىتالىيە دىن قوغلاپ چىقىرىلغان، كېيىنچە ئۇ پورتۇگالىيە دە ئولتۇراقلاشقان. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ئېغىر ئۆسمە كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ، 1983-يىلى شىۋېتسارىيە نىڭ جەنۋە شەھىرىدە ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئىزدە قامۇسى
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئۇمبېرتو II, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.