ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ

ئۇزۇن توك سىمىنى بىر چوڭ مىققا يۆگەپ، توك سىمىغا توك ئۆتكۈزۈپ، ئەتراپىغا ئازراق تۆمۈر پارچىسى، چوڭ باشلىق مىق قويۇپ سىناپ بېقىڭ، قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ؟ ئەتراپتىكى تۆمۈر پارچىسى، چوڭ باشلىق مىقنىڭ ھەممىسى چوڭ تۆمۈر مىققا قاراپ ئۇچىدۇ، يەنى توك ئۆتكۈزۈلگەن توك سىم يۆگەلمىسىدە ماگنىت ھاسىل بولىدۇ، مانا بۇ ئېلېكتىر ماگنىت ھادىسسى، توك سىمى ئورالغان تۆمۈر مىق ئېلېكتىر ماگنىت تۆمۈرى دېيىلىدۇ.

ئەگەر توك ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئۇزۇن بولسا، توك سىمى قىزىيدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى ئەركىن ئېلېكترون توك سىمىدا ھەرىكەتلىنىپ، ئېلېكتىر ئېقىمى ھاسىل قىلىدۇ، ئېلېكتىر ئېقىمى ھەرىكەت جەريانىدا قارشىلىققا، يەنى ئېلېكتىر قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئېلېكتىر ئېقىمى ئېلېكتىر قارشىلىقىنى يېڭىپ ھەرىكەت قىلغاندا قىزىپ، نۇرغۇن ئېنېرگىيەنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ. كۆپچىلىكلنىڭ ھەممىسى دالىدىكى ئېلېكتىر ئىقىمى يەتكۈزىدىغان ئېگىز تۆمۈر مۇنارنى كۆرگەن، ئېلېكتىر ئىقىمى كىرگۈزگەندە ئادەتتە نەچچە ئون مىڭ ۋولتلىق يۇقىرى ئېلېكتىر بېسىمى ئىشلىتىلىدۇ، گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، ئېلېكتىر كۈچى يەنىلا خېلى كۆپ ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ. بەزىلەر مۇنداق ئويلىغان: ئەگەر توك سىمىنىڭ ئېلېكتىر قارشىلىقى بولمىسا، توك سىمى قىزىپ كەتمەيدىغاندۇ؟ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىمۇ خوراپ كەتمەيدىغاندۇ؟

ئالىملار تەجرىبە قىلغاندا مېتالدىن ياسالغان نۇرغۇنلىغان توك سىمىنىڭ تېمپىراتۇرا ئىنتايىن تۆۋەن بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئېلېكتىر قارشىلىقىنى يوقىتىدىغانلىقىنى بايقىدى، بۇ خىل ھادىسە ئۇلترا ئۆتكۈزۈش دەپ ئاتىلىدۇ، ئېلېكتىر قارشىلىقىنى يوقاتقان مېتال ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ دېيىلىدۇ.

ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ئىنتايىن تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئادەتتە ئىسسقلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ناھايىتى كۈچلۈك بولغان مېتال بوتۇلكىدا ساقلىنىدۇ، بوتۇلكىغا سۇيۇق گېلىي قاچىلانغان بولۇپ، نۆلدىن تۆۋەن 57 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈردى. چۈنكى، ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچنىڭ ئېلېكتىر قارشىلىكى يوق بولۇپ، توك ئۆتكەندە قىىزپ كېتىپ ئېلېكتىر ئېنىرگىيەسىنى ئىسراپ قىلمايدۇ، شۇڭا ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچان ئېلېكترو ماگنىتلىق تۆمۈر ناھايىتى چوڭ ئېلېكتىر ئېقىمىنى ئۆتكۈزۈپ، كۈچلۈك ماگنىتلىق خۇسۇسىيەت ھاسىل قىلىدۇ. ئەگەر سۇ ئاستى پاراخوتىغا ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچان ماگنىت ئورنىتىلسا، ھاسىل قىلىنغان كۈچلۈك ماگنىتلىق خۇسۇسىيەت كېمىگە ئورنىتىلغان ئېلېكتىر قۇتۇبى بىلەن تەسىرلىشىپ، ئىنتايىن كۈچلۈك ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل قىلىپ، سۇ ئاستى پاراخوتىنى ھەم تېز، ھەم ئاۋازسىز ئۇچقاندەك ئىلگىرلىتىدۇ، بۇ سۇ ئاستىدا مەخپىي ھەرىكەت قىلىشقا ئىنتايىن مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئەگەر ئۇلترا ئۆتكۈزۈشچان كابېل بىلەن توك يەتكۈزۈلسە، كابىل يەر ئاستىغا كۆمۈلىدۇ، بۇ ھەم يەر تېجەيدۇ، ھەم بىخەتەر بولۇپ، ئېلېكتىر كۈچىنىڭ ئىسراپ بولۇشىدىن ئومۇميۈزلۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.

ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ ناھايىتى كەڭرى قوللىنىش ئىستىقبالىغا ئىگە. ھازىر كىشىلەر تۆۋەن تېمپېراتۇرا بىلەن تەمىلەيدىغان گېلىينى قاتتىق جىسىمغا ئايلاندۇرۇشنى سىناق قىلماقتا، ئەگەر ئۇتۇق قازانسا، نورمال تېمپىراتۇرىدىكى ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچنى ياساپ چىقالايدۇ. شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچ كىچىكلەپ يېنىكلەيدۇ، ھەر خىل ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلەر ھەربىي ئىشلار، ئىلمىي تەتقىقات، خەلق ئىگىلىكىدىكى ھەر قايسى تارماقلاردا رول ئويناپ، ئېلېكتىر دۇنياسىدا چوڭ ئىنقىلاب قوزغايدۇ.

Tags:

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىگامبىيەمايكېل جېكسۇنPlatinaدىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك5- قەھرىتانتۈركىيە جۇمھۇرىيىتىمىننېسوتا ئۇنىۋېرستېتىنىلسۇن ماندىلاۋەزىن2020 ئامېرىكا ئەلبېشىلىق سايلىمىنىكاراگۇئاUyghur tiliئىتگېستاپولىماھەنىڧWi-Fiكارل ماركىس1- قەھرىتان6 - ئاپرېلكاربون تۆت ئوكسىدئۈرۈمچى شەھىرىSan Fransiskoئىنگلىز تىلىۋېنا تومۇرىئېغىز بوشلۇقىئەقىللىق كېلىشىمئۈچلۈك تەڭرىشىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىبوسنىيە ۋە ھېرسېگوۋىناۋېللىنگتونئىكراندىكى نورۇز ۋە زاماندىكى نورۇزTénnéssi ShitatiKatolik dini8- فېۋرالتۇنىسAC مىلانShchétsinمانچېستېر ئۇنىۋېرستېتىسىتالىنمارالبېشىستىفېن ۋىليام خاۋكىڭھەجشەرقىي جەنۇبىي ئاسىيابېيجىڭ شەھىرىغاز2018-يىللىق رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسىئىسپانىيە ئىمپېرىيىسىيۈننەنبولىۋىيەئالتۇنBostonماۋزېدوڭجورجىت يېزىقىبەئلەبەكChikagoنەجەفئۇيغۇرلارئەنگىلىيەShtutgartنانو تېخنىكىسىArcelik7 - فېۋرالچاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىيۇپىتېرئاتلانتىك ئوكيانتور (ئىنتېرنېت)🡆 More