ئىسلام دۆلىتى

ئىسلام دۆلىتى ياكى ئىسلامىي دەۋلەت، ئىسلامىي قانۇنلار (شەرىئەت) گە تايانغان دۆلەت شەكلىدۇر.

ئىسلامىيەتنىڭ دەستلەپكى يىللىرىدىن ئېتىبارەن ئىسلام دۆلىتى دەپ ئاتالغان دەۋلەتلەر بولغاندۇر. بۇلارنىڭ تۇنجى ۋە ئەڭ مۇھىمى پەيغەمبەرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تامانىدىن قۇرۇلغان ۋە ۋاڧاتىدىن سوڭرە خەلىڧەلەر تامانىدىن باشقۇرۇلغان خىلاڧەت دەۋلەتىدۇر.

ئىسلام دۆلىتى
خەلقنىڭ كۆپچىلىكى مۇسۇلمان بولغان ئەللەر ئاراسىدا: ئىسلام دەۋلەتلەرى (قېنىق يېشىل)، ئىسلام رەسمىي دىن بولغان ئەللەر (ئوچۇق يېشىل)، ئەكسەرى مۇسۇلمان بولغان لائىك دۆلەتلەر (كۆك) ۋە باشقالار (تۇرۇنج)

20. ئەسردە ئىسلام دەۋلەتى ئىڧادەسى يەنە بىر مەنا قازانغاندۇر. زامانەۋىي بىر ئىسلام دەۋلەتى ڧىكرى جامالىددىن ئاڧغانى، سەييىد ئەبۇل ئەئلا ئەل مەۋدۇدى، ئايەتۇللاھ رۇھۇللاھ ھۇمەينى، سەييىد قۇتۇب قاتارلىق ئىدېئولوگلار تامانىدىن ئىلگىرى سۈرۈلگەن ۋە تەشۋىق قىلىنغاندۇر.

تارىخچە

تۇنجى ئىسلام دۆلىتى، مەدىنە كېلىشىمى بويىچە، ھەزرىتى مۇھەممەد س.ئە.ۋ باشقۇرۇشىدىكى مەدىنە شەھەر دەۋلەتىدۇر. ھەزرەت پەيغەمبەرنىڭ ۋاڧاتىدىن سوڭرە ئورنىغا دەسسىگەن خەلىڧەلەر دەۋلەنى باشقۇرۇشقا باشلىغان، ئىسلامنىڭ تارقىلىشى نەتىجەسىدە كەڭ رايونغا تارقالغاندۇر. 632-661 ئارىسىدىكى خۇلەڧائى راشىددىن تامانىدىن باشقۇرۇلغان دەۋلەت، 661-750 ئاراسىندا ئەمەۋىي خەلىڧەلىكى، 750-1258 ئاراسىندا ئىسە ئابباسىي خەلىڧىلىكى قاتارلىقلار بىردىن ئسلام دۆلىتىدۇر.

تۇنجى تۈركىي ئىسلام دەۋلەتى ئىسە قاراخانىيلار خانلىقى بولۇپ، تۈركلەر تارىختا نۇرغۇن چوڭ كىچىك شەرىئەت دۆلىتى قۇرغاندۇر. خارەزىمشاھلار دۆلىتى، غەزنەۋىيلەر دۆلىتى، دېھلى سۇلتانلىقى، بابۇر ئىمپېرىيسى، سەئىدىيە خانلىقى قاتارلقىلار.

كۈنىمىز

ئىسلام دۆلىتى ئوقۇمى 20. ئەسردىن بۇرۇن قوللىنىلمىغان بولۇپ، بۇ ئوقۇمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى پاكىستانلىق يازغۇچى ئەبۇل ئەئلا ئەل مەۋدۇدى تامانىدىن دەپ قارىلىدۇ. بولۇپمۇ غەربكە ۋە مۇستەملىكەچىلىككە قارشى تۇيغۇنىڭ بۇ پىكىرلەر ئايەتۇللاھ ھۇمەينىنى ۋە باشقا ئىسلامى ئىنقىلابچىلارنى تەئسىر ئاستىغا ئالىدۇ.

زامانەۋىي ئىسلام دەۋلەتلەرىنىڭ باشقۇرۇش شەكلى مۇنارخىيە ياكى جۇمھۇرىيەت بولىشى مۇمكىن. 1933- يىلى 12- نويابىر قەشقەردە تۇنجى ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان بولۇپ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دەپ ئاتالغان. 86 كۈن مەۋجۇت قالغاندىن سوڭرە، تۇنگانلارنىڭ ھۇجۇملىرى بىلەن مۇنقەرز بولغان. بۇگۈن بەش دۆلەت (ئافغانىستان، پاكىستان، ماۋرىتانىيە، ئىران، گامبىيە) رەسمىي شەكىلدە دۆلەت نامىدا ئىسلام جۇمھۇرىيەتى دەپ ئاتالماقتا (م: ئاڧغانىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى). بۇنىڭغا قارشى، برۇنېي، قاتار، ئۇممان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئىسلامىي مونارخىيلەرگە ئۈلگە سۈپىتىدە كۆرسىتلىدۇ.

قاراڭ

  • ئىسلام ئەللەرى

مەنبە

Tags:

ئىسلام دۆلىتى تارىخچەئىسلام دۆلىتى كۈنىمىزئىسلام دۆلىتى قاراڭئىسلام دۆلىتى مەنبەئىسلام دۆلىتىخەلىپىلەر تېزىملىكىمۇھەممەد ئەلەيھىسسالام

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

لۇت قەۋمىچايساموئاپاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىئانگولاساتۇرنئىسلاندىيەخىمىيىلىك رېئاكسىيە1783 - يىلى1926 - يىلىكاراچىكوستارىكامېنبا مىللىتىپىلھىندى-ياۋروپا تىل سېستىمىسىKéntJenubiy Dakota ShitatiBan'galorمىسىرترىنىداد ۋە توباگوگوللاندىيەپاراگۋاينىكاراگۇئائۆمەر ئىبنى خەتتابسۈيدۈڭ بازىرىSan Fransisko22- قەھرىتانقازاقىستانئۇيغۇرلار تارىخىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر1938 - يىلىھىندونېزىيەبۇچا ئۇرۇشى20232007 - يىلىﺋﺎﻟﺘﺎﻱ مىللىتىئولمپىك مەشئىلىدولقۇن ئەيسامىلادى تەقۋىمكانادائۇلىنىش تور-تېخنىكا شىركىتىيۈرەكئەنگىلىيەلىك ئۇيغۇرلارباش بەتCSSجون ماينارد كېينېسمالدىۋKurow2024لىمائىسلام دىنىئورقۇ رايونىPeucedanum ostruthiumتۈرك تىلىئەنئەنىۋىي بېرما تەقۋىمىپوند ستېرلىڭTengritaghAlyaska Shitatiئىمام ماۋەردىيلەھىستان3- فېۋرالÉnsklopédiyeئۇيغۇرچە يىل، ئاي، كۈن ناملىرىئەخمەتجان قاسىمى11 - دېكابرسوپىزم (تەسەۋۋۇپ)مونتسەرراتۋاجىپپەرەڭگۈلئافغانىستان27- ئۈمىدۋاتىكان شەھىرىقاراداغسۈنەنۇ ئەبى داۋۇد🡆 More