ئىسساك ئاسىموۋ- (ئىنگىلىزچە: Issac Asimov، روسچە:Исаак Юдович Озимов، 1920 - يىلى 2 - يانۋاردا تۇغۇلۇپ، 1992-يىلى 6- ئاپرېلدا ۋاپات بولغان.) ئامېرىكىلىق (روسىيەدە تۇغۇلغان)داڭلىق يازغۇچى ۋە بوستون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروففېسسورى.
ئىسساك ئاسىموۋ كىشىلەرگە فانتازىيىلىك رومان - ھېكايىلىرى ۋە ماقالىلىرى بىلەن تونۇشلۇقتۇر. ھاياتىدا 400 پارچىدىن ئارتۇق روماننى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئىسساك ئاسىموۋ، فانتازىيە ئەدەبىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم شەخسلەردىن بىرىدۇر.
ئىسساك ئاسىموۋ |
---|
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1920 - يىل 2 - يانۋار |
ۋاپات بولغان ۋاقتى: 1992 - يىل 6 - ئاپرېل |
دۆلەت تەۋەلىكى: ئامېرىكا |
تۇغۇلغان يېرى: روسىيە |
كەسپى: رومان ۋە ھېكايە يازغۇچىسى |
ژانېرى: فانتازىيە، پەن ئوقۇشلۇقلىرى |
مۇھىم ئەسەرلىرى: بازا چاتما رومانلىرى، روبوت چاتما رومانلىرى |
تەسىر كۈچى |
بۈيۈك بازا چاتما رومانلىرى (Greater Foundation Series)
(ئاسىموۋنىڭ قوشۇلىشى بىلەن باشقىلار يازغان)
ئىسساك ئاسىموۋ بۇ ئەسەرلەر داۋامىدا، بەزى ئۇقۇم ۋە كۆز قاراشلارنى مەيدانغا كەلتۈرپلا قالماي، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېڭىگىمۇ مۇھىم ئۆزگىرىش ۋە ئالدىن بىلىش ئېلىپ كەلگەندۇر. بۇلاردىن بىر قەدەر داڭلىقلىرى:
ئىسساك ئاسىموۋنىڭ رومان - ھىكايىلىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئىشلەنگەن كىنولاردىن داڭلىقلىرىدىن <<مەن، ماشىنا ئادەم>> (ئىنگىلىزچە: I, Robot)
بۇ كىنونى 2004 - يىلى، ئامېرىكىلىق رېژېسسور - ئالېكىس پروياس، جېف ۋىنتار، ئاكىۋا گولدسمان ۋە ھىلارى سېيتزنىڭ ئىسساك ئاسىموۋنىڭ شۇ ناملىق ھېكايە توپلىمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يېزىپ چىققان سىنارىيىسىگە ئاساسەن ئىشلەپ چىققان.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئىسساك ئاسىموۋ, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.