ئالفېرد نوبىل

نوبىل مۇكاپاتىنى ياراتقۇچى ئالىم (1833-1896) ALFRED NOBEL

ئالفېرد نوبىل
ئالفېرد نوبىل


نوبىل مۇكاپاتى شىۋىتسىيەلىك داڭلىق خىمىيە ئالىمى نىترو گىلىتسىرىنلىق بومبىنىڭ ياراتقۇچىسى ئالفېرد نوبىل ئەفەندىنىڭ مەلۇم مىراسىنى مەبلەغ قىلىش ئاساسىدا قۇرۇلغان مۇكاپات بولۇپ ، ئالفېرد نوبىل ئەفەندى ھاياتىدا 355 تېخنىكا تۇرىدە كەشپىيات ياراتقان ھەم ياۋرۇپا قىتئەسى ، ئامېرىكا قىتئەسى قاتارلىق بەش چوڭ قىتئەدىكى 20 دۆۋلەتتە 100 يېقىن شىركەت ۋە زاۋۇد قۇرۇپ ، غايەت زور مەبلەغ توپلىغان . 1896 - يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىتالىيەدە ۋاپات بولغان ، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مەلۇم مىراسىنى ( 9 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى)مەبلەغ قىلىپ ، ئۇنى ئۆسۇمى بويىچە فىزىكا ، خىمىيە ، فىزىئولوگىيە ۋە تىببىي ئىلىم ، ئەدىبىيات ۋە تېنچلىق قاتارلىق 5 پەنگە بۆلۈپ تەسسىس قىلىپ بۇنى پۈتكۈل دۇنيا مىقياسىدىكى مۇشۇ ساھەلەردە ئىنسانىيەتكە ئالەمشۇمۇل تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە مۇكاپات قىلىپ تارقىتىپ بېرىش توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرغان .

شۇنىڭغا ئاساسەن شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى 1900-يىلى 6- ئايدا رەسمىي ھالدا نوبىل مۇكاپاتىنى تەستىقلاپ يولغا قويغان ، ھەم 1901 - يىلى 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ئالفېرد نوبىل ئەفەندى ۋاپاتىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنىدە تۇنجى قېتىملىق نوبىل مۇكاپاتىنى تارقاتقان ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدىن باشقا ۋاقىتلاردا ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە شىۋىتسىيە پايتەختى سىدگېرم ۋە نورۋىگىيە پايتەختى ئوسلۇدا داغدۇغۇلۇق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ .

1968 يىلى شىۋىتسىيە مەركىزىي بانكىسى بانكا قۇرۇلغىنىنىڭ 300 يىللىق خاتىرى يىلى تۇپەيلىدىن مەبلەغ چىقىرىپ نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتىنى قوشۇپ تەسسىس قىلغان ھەم ئۇنى < خاتىرە نوبىل ئىقتىساد مۇكاپاتى > دەپ ئاتىغان ، 1969 يىلىدىن باشلاپ قالغان بەش خىل مۇكاپات تۈرى بويىچە ئوخشاش ۋاقىتتا تارقىتىشنى باشلىغان ، ئۇنىڭ تاللاش پىرىنسىپى - ئىقتىسادى پەن-تەتقىقات ساھەسىدە ئالەمشۇمۇل قىممەتتىكى تۆھپە ياراتقان كىشىلەرگە بېرىلىدۇ ھەم دەسلەپكى ۋاقىتلاردا تۆھپە ياراتقان كىشىلەر ئالدىن مۇكاپاتلىنىدۇ . 1990-يىلى ئالفېرد نوبىل ئەفەندىنىڭ مۇھىم جىيەن نەۋرىسى كىلاۋس ئەفەندى - نوبىل يەر شارى مۇكاپاتىنى قوشۇپ تەسسىس قىلىشنى ھەم بۇنى دۇنيا مىقياسىدا مۇھىت ئاسراشتا ئالاھىدە نەتىجە قازانغۇچىلارغا تارقىتىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ مۇكاپات 1991 - يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيا مۇھىت كۈنىدىن باشلاپ تۇنجى قېتىم تارقىتىلىشنى باشلىغان . ئالفېرد نوبىل ئەفەندىنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەر ھېچقانداق دۆۋلەت ، مىللەت ، ئىجتىمائىي ئاڭ شەكلى ۋە دىننى ئېتىقادنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ ، نامزات تاللاشتا ياراتقان نەتىجىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىردىنبىر ئۆلچەم قىلىنىدۇ دەپ بىكىتىلگەن .

ھەر يىلى 9-ئايدىن كىيىنكى يىلى 1-ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە ھەر قايسى تۈرلەردىكى مۇكاپاتقا تونۇشتۇرۇلغان كاندىدات نامزاتلار قۇبۇل قىلىنىدۇ ، تونۇشتۇرىلىدىغان كاندىداد نامزاتلار ئادەتتە 1000-2000 كىشىگىچە بولىدۇ . 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تونۇشتۇرۇلغان كاندىداد نامزاتلار شاللاپ تاللاش ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش باسقۇچىغا كىرىدۇ ، 10-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ تىزىملىكى رەسمىي ھالدا ئېلان قىلىنىدۇ ، 12 -ئاينىڭ 10 -كۈنى ئالفېرد نوبىل ئەفەندى ۋاپاتىنىڭ خاتىرە كۈنىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىۋىتسىيە پايتەختى سىدگېرم ۋە نورۋىگىيە پايتەختى ئوسلۇدا داغدۇغۇلۇق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ ۋە شىۋىتسىيە پادىشاھى سەھنىگە چىقىپ مۇكاپات تارقىتىدۇ .

نوبىل مۇكاپاتى -مۇكاپات كىنىشكىسى ، ئالتۇندىن ياسالغان مۇكاپات مىدالى ۋە مۇكاپات پۇل چىكىدىن تۈزۈلىدۇ . نوبىل مۇكاپاتى پۇل سوممىسى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا 31000-72000 ئامېرىكا دوللىرىغىچە ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا پۇل پاخاللىقى تۇپەيلى 60- يىللاردا 75000 ئامېرىكا دوللىرى 80 - يىللاردا 220000 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن .

ئالتۇندىن ياسالغان مۇكاپات مىدالىنىڭ ئېغىرلىقى يىرىم قاداق بولۇپ ، ساپ ئالتۇن 23 گرام ، دىئامىتىرى تەخمىنەن 6.5 سانتىمىتىر بولۇپ ، ئوڭ يۈزىگە ئالفېرد نوبىل ئەفەندىنىڭ يۇزەكى سۇرىتى ئويۇلغان . ئوخشىمىغان مۇكاپات تۈرىدىكى مۇكاپات مىدالىنىڭ كەينى تەرىپىدىكى زىننەت بۇيىمى ئوخشاش بولمايدۇ .

ھەر بىر مۇكاپات كىنىشكىسىمۇ ئۆز-ئارا ئوخشىمىغان ئاساستا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا ياسىلىدۇ . ھەر قېتىملىق مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان ئادەم تەخمىنەن 1500-1800ئادەم ئەتراپىدا چەكلىنىدۇ ، مۇراسىمغا قاتناشقان ئەرلەر چوقۇم ئۆزىنىڭ مىللىيچە كىيىمىنى ، ئاياللار چوقۇم كېچىلىك مۇراسىم كىيىمىنى كىيىش شەرت قىلىنىدۇ ، ئالفېرد نوبىل ئەفەندى 1891-يىلى ئىتالىيەدىكى سېنمورىيدىن بىر داچا سېتىۋالغان ، ئۇ ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا كۇنلىرىنى شۇ داچىسىدا ئۆتكۈزگەن ، بۇ داچا ئەتراپىدىكى ئىللىق ۋە قۇرغاق ھاۋارايى ئۇنىڭ سالامەتلىكە بەكمۇ پايدىلىق بولۇپ، ئۇ بۇ داچىسىنى < مېنىڭ كىچىك ئۇۋام > دەپ ئاتىغان ، شۇڭا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەم بىلىمگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەش تۇپەيلى مۇراسىمدىكى بارلىق ئاق ۋە سېرىق گۈللەر چوقۇم ئىتالىيەدىكى سېنمورىيدىن ئېلىپ كېلىنىدۇ .

Tags:

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

ۋيېتنامباش بەتۋالپاراىسورىيادكاكتۇسگۇگېلشىمالىي گېرمانىيە دىئالېكتىخاسىڭكامېرۇنبايراقتار (ئادەمسىز ئۇچقۇ)كۇرد تىلىئاق قان ھۈجەيرىسىناۋئابات تاجىك يېزىسىنېرۋا سىستىمېسىقورغاس ناھىيىسىكاتالان تىلىBordoقوڭۇر رەڭلىكياپون تىلىقازاق مىللىتىكانتونچەئېرىدادوھاGuam Arilكۆزتۇخۇم چۆچۈرىسىئاقساراي (ئامىرىكا جۇمھۇر رەئىسىنىڭ تۇرالغۇسى)باشقۇرغۇچى مەشغۇلات قوللانمىسىكەئەلىڭ كوكوس تاقىم ئاراللىرىسېنتەبربېلورۇسسىيەتاڭ سۇلالىسىظاصتاص يئضةن مئؤةياڭ زېڭشىنسىرەك توپا5- قەھرىتانئارگېنتىنائەلى قۇربان (پىسخىلوگ)برىتانى كولۇمبىيە ئۇنىۋېرستېتىئائىلە ئىسىملىرى (فامىلىلەر)ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﺌﻘﻰدوپپاسانائەت ئىلمىكۆك چۆچۈرىسىپروگرامما تىلىبىرمابۈلەكچە زەنجىرىيۈرەك زەئىپلىكىشەرقىي تۈركىستانئۇيغۇرلاردىكى نان مەدەنىيىتى1981 - يىلىياۋا تىلىماگنىت مەيدانىشى جىنپىڭپەيغەمبەرلەر2013زەپەرنامەغىجەكشىفىرلىق پۇللار تىزىملىكىبۇلغارىيە تىلىشەرقىي جەنۇبىي ئاسىياNyu York ShehiriKalgariYangjo shehiriUyghur tili2005 - يىلىقاتارنيۇيورك ئۇنىۋېرستېتىئۇيغۇر دوپپىلىرىگرېتسىيەئادەمسىز ئۇچقۇشەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى🡆 More