ئابدۇرراھمان كاشغەرىي نەدۋىي (ئەرەبچە: عبد الرحمن الكاشغري الندوي؛ ئوردۇچە: عبد الرحمن کاشغری ندوی) (1912 — 1971) شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىم يۇرتلىرىدىن قەشقەردە توغۇلغان.
ئابدۇرراھمان كاشغەرىي نەدۋىي | |||||
---|---|---|---|---|---|
تۇغۇلغان ۋاقتى | 1912 15 - سىنتەبىر، قەشقەر | ||||
ۋاپاتى | 1971 ماي، داكا (58 - 59 ياش) | ||||
مىللىتى | ئۇيغۇر | ||||
خىزمىتى | ئۇنىۋېرستېتتا مۇددەرىس | ||||
جۆرە(لەر) | نىكاھلانمىغان |
يازغۇچى، شائىر، ناتىق، ئەدىب، لۇغەتشۇناس بولۇپ، ھىندىستانغا ھىجرەت قىلغان. لاكنۇ شەھرىدىكى ئۆلىمالار كېڭىشى تارمىقىدىكى فاكۇلتېتتا ئىلىم تەھسىل قىلغان، ھىندىستان ۋە بېنگالدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دەرس بەرگەن. شېئىرلار توپلىمى، ئەرەب تىلشۇناسلىق ۋە ئەدەبىيات توغرىسىدا كاتتا ئەسەرلەرنى قالدۇرغان، ھىندى رايوندىكى ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىيات تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئىدى.
تولۇق ئىسمى مەۋلىۋى ئابدۇلھادىنىڭ ئوغلى ئابدۇراھمان، ئەبۇ زىبرىقان، كاشغەرىي ، نەدۋى.
ئەبۇ زىبرىقان دېگەن تەخەللۇسىنى شئېرلار توپلىمىدا، ماقالىلىرىدە، لاكنۇدا چىقىدىغان ئايلىق «زىيا» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرىدە قوللانغان ئىدى. لېكىن، ئۇستاز ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى (1931 _ 2009) ئۇ زات بىلەن ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇچراشقىنىدا ئۇنىڭ بۇ تەخەللۇسىغا ئانچە ئېتىبار بېرىپمۇ كەتمەيدىغانلىقىنى كۆرگەن.
كاشغەرىي بولسا تۇغۇلغان ئانا يۇرتى قەشقەرگە نىسبەت بېرىلىپ ئېيتىلغان.
نەدۋىي بولسا ئۇ زات ئىلىم تەھسىل قىلغان ئۆلىمالار كېڭىشى (نەدۋەتۇل ئۆلەما) تارمىقىدىكى دارۇلئۇلۇمغا نىسبەت بېرىلىپ دېيىلگەن.
دادىسى مەۋلىۋى ئابدۇلھادىي داموللا بېيت ئاخۇنۇم دېگەن نام بىلەن مەشھۇر كىشى بولۇپ، ئۆز يۇرتىنىڭ ئابرويلۇق كىشىلىرىدىن ئىدى.
1912 - يىلى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قەشقەردە سالىھ بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، شۇيەردە ئۆسۈپ يېتىلىپ، 1922 - يىلى ئوقۇش ئۈچۈن ھىندىستانغا سەپەر قىلغان.
ئۆسمۈر چاغلىرىدا ھىندىستان ئۆلىمالىرىنىڭ ئىلىمدىكى نام - شۆھرىتى ۋە كاتتىلىقىنى ئاڭلاپ ھىندىستاندا ئوقۇشقا ئىشتىياق باغلىغان ئىدى.
ئۇ ھىندىستاندا ئوقۇش ئۈچۈن كارۋانغا قېتىلىپ يولغا چىقتى. قاراقول، پامىر، دۇخان، پارك، زەيباق دېگەن جايلاردىن پىيادە ئۆتۈپ تەشتىرالغا يېتىپ كېلىدۇ ۋە ئاللاھ ئۇنىڭغا ھىندىستان ئۆلىمالىرىدىن ئىلىم ئېلىشنى نېسىپ قىلىدۇ.
ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇھتەر چاترال دېگەن ئالىمنى ئۇچراشتۇرىدۇ، بۇ ئالىم ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ھىندىستاندىكى ئۆلىما تونۇشلىرىنى تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئۇ ئامرىتساردىكى شەيخ ئابدۇللا مىنھاسنىڭ قېشىدا تۇرىدۇ، ئۇ يەردىن پويىز بىلەن لاكنۇغا سەپەر قىلىدۇ ۋە 1922 - يىلى ئۆلىمالار كېڭىشى تارمىقىدىكى دارۇلئۇلۇمغا قوبۇل قىلىنىدۇ. 1931 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، بىرلا ۋاقىتتا لاكنۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئەدەبىيات، فۇرقان مەدرىسەسىدىن يەتتە خىل قىرائەت دىپلومىنى ئالىدۇ.
ئابدۇراھمان كاشغەرىي ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئوقۇ - ئوقۇتۇش ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەر بىلەن شوغۇللانغان 1931 - يىلى ئۆزى ئوقۇش پۈتتۈرگەن دارۇلئولۇمغا ئوقۇتقۇچى بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە بۇ يەردە يەتتە يىل خىزمەت قىلغان. 1938 - يىلى 26 - ئاپرېل كۈنى كالكۇتتادىكى ئالىي مەكتەپتە فىقھىي ۋە فىقھىي ئۇسۇل - قائىدىلىرى بۆلۈمىدە ئۇستاز بولۇپ تەيىنلەنىدۇ ۋە بۇ يەردە تاكى ھىندىستان 1947 - يىلى مۇستەقىل بولغانغا قەدەر خىزمەت قىلدى. 1947 - يىلى مەزكۇر ئالىي مەكتەپ داكاغا (شۇ چاغدا پاكىستاننىڭ شەرقىدە ئىدى، ھازىر بولسا بېنگالدا) يۆتكەلگەندە بىللە يۆتكىلىپ، ئوقۇ - ئوقۇتۇش ۋە مەمۇرىي خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى.
ئابدۇراھمان كاشغەرىي ئەقىللىق، مەرت، زېرەك، ئۆتكۈر چۈشەنچىلىك، چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىدىغان ناتىق كىشى بولۇپ، ئىلىم ۋە ئوقۇ - ئوقۇتۇشنى دەپ ئائىلە قۇرمىغان ئىدى. 1971 - يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرى داكادا ۋاپات بولغان (ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا رەھمەت قىلسۇن).
شاگىرتى ئەبۇ مەھفۇز كەرىم مەئسۇمى (1931 – 2009) ئۇنىڭغا بېشى مۇنداق باشلانغان بىر مەرسىيە يازغان :
«يقولون: مات الكشغري، فقلت لا أصدقكم يوما، وإن لم أكذب»
كاشغەرىي ئالەمدىن ئۆتتى، دەيدۇ خالايىق،
دېدىم: ئىشەنمەيمەن، يالغانمۇ دېيەلمەسمەن.
ئۇ مەرسىيەدە مۇنداق كەلگەن:
«وأكرم به من كشغري مهند يظل يباري كل أفصح معرب»
ھىندىستان شەمشىرى كاشغەرىي نېمە دېگەن ئېسىل زات،
تىلى ئەرەب ھەر فەسىھ بىلەن چاپتۇرپ تۇرار ئات.
«لقد كان فصحى اللغى أصمعيها وفي النحو شَرْوَى سيبويه وقطرب»
ئىدى ئەسمەئىسى تىل پاساھەتىنىڭ،
نەھۋىدە تەڭدىشى سىيبەۋەيھ ۋە قۇترۇبنىڭ.
«فلو عاش في إبانهم، جازهم إلى ذراه المذاكى أو نجائب أرحب»
ئەگەر ياشىسا ئۇلارنىڭ دەۋرىدە،
پەرۋاز قىلاتتى ئۇلاردىن ئۈستتە.
«يشد رواة العلم تلقاء بابه مشاة حفاة أو على ظهر مركب».
ئۆيى ئىلىم يايغۇچىلار ئۈچۈن بىر قىبلىگاھ،
كېلىشىدۇ پىيادە ياكى ئۇلاغلىق.
ئابدۇراھمان كاشغەرىي شئېرلار توپلىمى، ئەرەپ تىلى ۋە ئەدەبىياتىدا كۆپلىگەن ئەسەرلەرنى قالدۇرغان، بىرقانچە شېئرلار توپلىمى ۋە تىل كىتاپلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئەمما، بەزى ئەسەرلىرى تا ھازىرغىچە بېسىلمىغان.
ئۇنىڭ ئىلمىي ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئۇستاز مەسئۇد ئالىمنىڭ ئۇ زاتنىڭ «گۈل – چېچەكلەر» دېگەن شېئىرلار توپلىمىنىڭ مۇقەددىمىسىدە يۇقىرىقى كىتابىدىن سۆزلىگەن بىر قانچە مىساللىرىنى سۇنىمىز.
«توشقان (أرنب) ھەممىگە تونۇشلۇق ھايۋان بولۇپ، ئاياللىق شەكلىدە قوللىنىلىدۇ، بەزىدە ئەرلىك شەكىلدىمۇ قوللىنىلىدۇ. فەييۇمى «توشقان (أرنب) ئاياللىق ئىسىم بولۇپ، بەزىدە ئەرلىك، ئاياللىقتا تەڭ ئىشلىتىلىدۇ. بەزى قەبىلىلەر تىلىدا ئاياللىقنىڭ ‹ت›سى بىلەن ئاياللىق قىلىنىدۇ ۋە بەزىدە بۇ شەكلىدە ئەرلىك، ئاياللىقتا ئورتاق ئىشلىتىلىدۇ» دېگەن. ئەبۇ ھاتەم:«ئاياللىق ئۈچۈن ‹أرنب›، ئەرلىك ئۈچۈن ‹خزز›، كۆپلۈكى ئۈچۈن ‹خزان› دېيىلىدۇ» دېگەن. مۇبەررىد «كامىل» دېگەن كىتابىدا «تازقارا (العقاب) توشقان (أرنب) دېگەن ئىسىم بىلەن ئەرلىك، ئاياللىقتا ئوخشاش قوللىنىلىدۇ، پەقەت كۆرسىتىش ئالماشلىرىدىلا ئەرلىك، ئاياللىق بىر – بىرىدىن پەرقلىنىدۇ» دېگەن».
2. «ديوان ابن مقبل العجلاني (ئىبنى مۇقبىل ئەجلانىنىڭ شېئىرلار توپلىمى)»نى تەهقىقلەپ مىسرالىرىنى ئىگىسىگە مەنسۇپ قىلغان تەھقىقاتى.
3. شاھ ۋەلىيۇللاھ دىھلەۋىنىڭ «إزالة الخفاء عن خلافة الخلفاء للشاه ولي الله الدهلوي (خەلىپىلەر ھۆكۈمدارلىقى توغرىسىدا يوپۇقنى ئېچىۋېتىش)» دېگەن كىتابىنى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلغان ۋە رەتلەپ تەھقىقلىگەن.
4. قۇدامە ئىبنى جەئفەرنىڭ «شرح نقد الشعر (شېئىرىي تەنقىد)» دېگەن ئەسىرىگە يازغان شەرھى «محك النقد (شېئىرىي تەنقىتنىڭ ئۆلچىمى)» دېگەن كىتابى.
5. «الإلماع بما في كلام العرب من الإتباع (ئەرەب تىلىدا ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ئەگىشىپ ئىشلىتىلىدىغان سۆزلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش)» دېگەن كىتابى.
تىلشۇناسلىققا ئائىت ئۈچ رىسالە تەھقىقى.
6. ساغانىينىڭ «كتاب الأسد وكناه (شىر ئىسىملىرى ۋە لەقەملىرى)».
7. ساغانىينىڭ «كتاب الأسد وكناه (شىر ئىسىملىرى ۋە لەقەملىرى)».
8. سۇيۇتىينىڭ «نظام اللسد في أسماء الأسد (شىر ئىسىملىرى ھەققىدە)». ئۇ ئۇلارنى تەھقىقلىگەن ۋە ئىزاھلىغان.
9. «العبرات (ئىبرەتلەر)»، شېئىرلار توپلىمى.
10. «الشذرات (دۇردانىلەر)»، شېئىرلار توپلىمى.
11. «ئىككى تىل (ئوردۇچە – ئەرەبچە) ماقال تەمسىللىرى». بۇ، ئۇستاز ئابدۇراھمان كاشغەرىينىڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئوردۇ تىلىدىكى ماقال - تەمسىللەرگە ماس كېلىدىغان ئەرەب ماقال - تەمسىللىرىنى توپلىغان. ئوردۇ ۋە ئەرەب شېئىرلىرىدىن دەلىل كەلتۈرگەن، يات سۆزلەرنى ئىزاھلىغان ئىدى. بۇ ئەسەر ئوردۇ تىلىنى ئاساس قىلىش بىلەن گەۋدىلىنىدىغان بولۇپ، ئوردۇ تىلىدىكى ماقال - تەمسىللەرنى بايان قىلغاندىن كېيىن، ئەرەب تىلىدىكى ئوخشاش مەنىدىكى ماقال - تەمسىلنى كەلتۈرگەن.
ئۇ زاتتىن بۇرۇن شاھ ھۈسەيىن ھەقىقەت «ماقال - تەمسىللەر خەزىنىسى» دېگەن كىتابىنى، «بىيسا كۈندىلىك خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ مۇدىرى مۇنشى مەھبۇب ئالىم «مەھبۇب ماقال - تەمسىللىرى» دېگەن كىتابىنى تۈزگەندىن باشقا ھېچبىر كىشى بۇ ئىلمىي ئەمگەكنى قىلمىغان ئىدى.
«ماقال - تەمسىللەر خەزىنىسى»نىڭ ئاپتورى ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە، ھىندىچە ماقال – تەمسىللەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە سېلىشتۇرماستىن بايان قىلغان ئىدى. ھەقىقەت بۇ كىتابنى ھىجىرىيە 1269 - يىلى تۈزگەن بولۇپ، 1853 - يىلى تۇنجى قېتىم لاكنۇدىكى «مۇستافائى نەشرىياتى»دا بېسىلغان ئىدى.
«مەھبۇب ماقال - تەمسىللىرى» ئۆز تۈرىدىكى يېگانە ئەسەر بولۇپ، ئاپتور بۇ كىتابىدا ئىنگلىزچە ماقال - تەمسىللەرنى ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە بايان قىلغان ۋە ماس كېلىدىغان ئەرەبچە، پارسچە، ئوردۇچە ماقال - تەمسىللەرنىمۇ بايان قىلغان ئىدى. تۇنجى قېتىم 1887 - يىلى بېسىلدى. 1902 - يىلى لاھوردا قايتا بېسىلدى.
ئابدۇراھمان كاشغەرىينىڭ «ئىككى تىل (ئوردۇ چە – ئەرەبچە) ماقال تەمسىللىرى» دېگەن ئەسىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ھ 1353 – 1354 – يىللىرى لاكنۇ «زىيا» ژۇرنىلىدا بېسىلغان بولۇپ، ئەرەب – ئوردۇ ماقال – تەمسىللىرىنى توپلاپ چۈشەندۈرۈشتە يېگانە ئەسەردۇر. بۇ ئەسەر ئاپتورنىڭ ئەرەب تىلشۇناسلىقى ۋە ئەدەبىيات جەھەتتىكى چوڭقۇر بىلىمىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
«ئىككى تىل (ئوردۇچە – ئەرەبچە) ماقال تەمسىللىرى» دېگەن كىتابىدىن ئۆرنەكلەر:
ئوردۇچە ماقال: «ناچن آو آنگن یا». بۇنىڭغا ماس كېلىدىغان ئەرەبچە ماقال: «لا عِلَّةَ لا عِلَّةَ، هذه أَوْتَادٌ وَأَخِلَّةٌ» (ئوسۇرغاققا ئارپا نېنى بانا). ھېچقانداق ئۆزرى يوق تۇرۇپ، ئۆزرە ئېيتقان كىشىگە مىسال قىلىنىدۇ.
«الأوتاد»: «قوزۇق»نىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، ياغاچ، ياكى تۆمۈر، ياكى باشقا نەرسىلەردىن ياسالغان، يەرگە ياكى تامغا قېقىلىدىغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ.
«الْأَخِلَّةُ» بولسا «خِلَالٍ (كەكە)»نىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، يەر كولايدىغان نەرسىنى كۆرسىتىدۇ. ۋەزىن جەھەتتە «أَسْلِحَة وسِلَاح»قا ئوخشايدۇ.
بۇ ماقال ئەسلىدە ئۆي سېلىشنى بىلمەيدىغان بىر ئايال قوزۇقنىڭ يوقلۇقىنى باھانە قىلىپ ئۆزىنى ئاقلىغان، شۇنىڭ بىلەن يولدىشى ئۇنىڭغا قوزۇق ۋە كەكەنى ئەكىلىپ بېرىپ ئۇنىڭغا بۇ سۆزنى قىلغان ئىكەن.
ئەرەب ماقالى: «لا تَعْدَمُ الخَرْقاءُ عِلَّةً» (ھورۇننىڭ ئەتىسى تۇگىمەس).
ئەبۇ زەيد مۇنداق دىگەن: «پۇچەك باھانە - سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ، بىرسى بىلەن تۈگەپ قالمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ».
ئابدۇراھمان كاشغەرىي ناھايىتى تالانتلىق شائىر بولۇپ، ئۈچ شېئىرلار توپلىمى بار. ئولار بولسا: «گۈل – چېچەكلەر» (بېسىلغان)، «الشذرات (دۇردانىلەر)» (قول يازما)، «العبرات (ئىبرەتلەر)» (قول يازما).
ئۇستاز مەسئۇد ئالىم نەدەۋىي (1910 _ 1954) ئۇ زاتنىڭ «گۈل – چىچەكلەر» دېگەن شئېرلار توپلىمىنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق دىگەن: «شائىرنىڭ تىلى ناھايىتى گۈزەل بولۇپ، ھەرقانداق يېرىكلىك، قولاشماسلىقتىن خالىي، ئۇنىڭ ئوقۇغۇچى چاغلىرىدا بىر قانچە مىڭ قەدىمىي ئەرەپ شئېرلىرىنى، جۈملىلىرىنى يادلىغانلىقى بىلەن مۇناسۋەتلىكتۇر، شئېرلىرىدا ئەرەب بالاغىتى ۋە قەدىمىي ئۇسلۇبىنىڭ پۇرىقى بار».
مۇھەممەد ئىقبالنىڭ (1877 – 1938) پىكىرلىرىنى بايان قىلىپ يازغان «ئىسلام دۇنياسىنىڭ ياشلىرىغا» دېگەن قەسىدىسىدە مۇنداق دىگەن:
«ألا فاسمعوا رنات خل مصادق سليم دواعي الصدر غير مماذق»
ئى ياشلار! سىلەر راستچىل، ئاقكۆڭۈل، سەمىمىي كىشىنىڭ چاقىرقىغا قۇلاق سېلىڭلار.
«وأحلف بالله الذي هو خالقي أنكب عن فعل المكور المسارق»
ياراتقۇچۇم ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئۇ كىشى يالغان - ياۋىداقلاردىن بەك يىراقتۇر.
«لقد علموا أن جاب شعري مواطنا أذكر فيها أنني جِد صادق»
شئېرلىرىمدا راستچىل ئىكەنلىكىمنى بايان قىلغان مىسرالارنى كەلتۈرگەنلىكىمنى بىلدىلەر.
«إذا قلت شعرا طار صيتا وسمعة من الهند حتى حف جل الخلائق»
مەن شېئىر سۆزلىسەم نام - شۆھرىتى ھىندىستاندىن تارقىلىپ، پۈتۈن كىشلەرگە يېتىدۇ.
«جدير بأن يروى ويتلى على الذي تقاعس عن مجرى المذاكي السوابق»
ياخشىلىق يولىدىن كېيىن قالغان كىشلەرگە سۆزلەپ بېرىشكە بەكمۇ مۇۋاپىقتۇر.
«فما الشعر إلا لفظة بعد لفظة وأجزاء صوت لا يساوي بدانق»
شئېر بىر - بىرىگە ئەگەشكەن، بىر سىنتقىمۇ تەڭ كەلمەيدىغان سۆزلەردۇر.
«إذا لم يكن في طيه نور حكمة يبين في الظلماء أهدى الطرائق».
ئەگەر ئۇنىڭدا قاراڭغۇ - زۇلمەتتە ئەڭ توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇر بولمىسا.
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ئابدۇراھمان كاشغەرىي ھىندى قىتئەسىدىكى ئەرەب تىلى ۋە ئەدەبىياتىدىكى كاتتا ئالىملارنىڭ بىرى بولۇپ، يازغۇچى، تىلشۇناس، شائىر، ئەدىب ئىدى. ئەرەب ئەدەبىياتىدا كاتتا خىزمەتلەرنى قىلغان. بۇ زاتنىڭ تېلشۇناسلىق ۋە ئەدەبىياتتىكى رولى مىراس قالدۇرغان ئىلمىي ئەسەرلىرىدە روشەن گەۋدىلىنىدۇ، بۇ ئەسەرلار ھازىرمۇ مەۋجۇتتۇر. بۇ زاتنىڭ ھاياتى ۋە خىزمەت - نەتىجىلىرى تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە جىددىي ئىھتىياجلىقتۇر.
ئەسەرلەر:
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئابدۇرراھمان كاشغەرىي نەدۋىي, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.