ئىستانبۇل: تۈركىيەدىكى بىر شەھەر

UYGHURCHE, ]

ئىستانبۇل İSTANBUL
— چوڭ شەھەر —
ئىستانبۇل چوڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت

İstanbul Büyük Şehir Belediyesi (تۈركچە)

ئىستانبۇل: ئىسمى, تارىخ, جۇغراڧىيە ئىستانبۇلنىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن كۆرۈنىشى

ئىستانبۇل: ئىسمى, تارىخ, جۇغراڧىيە يوقىرىدىن تۆۋەنگە سائەت يۆنىلىشى بويىچە:1. تارىخى يېرىم ئارال؛ 2. قىز مۇنارى؛ 3. ئاياسوڧيا؛ 4. ئىستىقلال كوچىسىدا بىر ترامۋاي؛ 5. ئورتاكۆي جامئەسى؛ 6. لەۋەنت ئىش مەركەزلىرى


ئىستانبۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت بەلگىسى ئىستانبۇل: ئىسمى, تارىخ, جۇغراڧىيە ئىستانبۇلنىڭ تۈركىيەدىكى ئورنى ئىستانبۇل: ئىسمى, تارىخ, جۇغراڧىيە ئىستانبۇلنى خەرىتىسى
كوردىناتلار: ′01°41 ش.ك ′58°28 ش.ئۇ

تەۋەلىكى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى
رايون مارمارا رايونى
شەھەرگە قاراشلىق 39 ناھىيە
— باشقۇرۇش —
ۋالىي ۋاسىڧ شاھىن
شەھەر باشلىقى ئېكرەم ئىماموغلۇ (CHP)
— باشقا ئۇچۇرلار —
توپلام يەر مەيدانى 5،461 كم²
دېڭىز يۈزىدىن
ئەڭ ئىگىز

ئەڭ قۇيى

100 مېتر (328 ڧت)
537 مېتر (1762 ڧت)

0 مېتر (0 ڧت)

نۇپۇس (2015)
- توپلام

- زىچلىقى


14,657,434 جان

2,684/ كم²

ۋاقت رايونى (DAYZD (UTC+3)
رايون نومۇرى 212 90+ (ياۋروپا رايونى)
2016 90+ (ئاسيا رايونى)
ماشىنا تاختا نومۇرى 34


ئىستانبۇل (تۈركچە: İstanbul) تۈركىيەنىڭ 81 ۋىلايىتىدىن بىرى ۋە تۈركىيەدە نۇپۇسى ئەڭ كۆپ، ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي - مەدەنىي جەھەتتە ئەڭ چوڭ شەھرىدۇر. بۇ شەھەر ئىقتىسادىي كۈچ جەھەتتىن دۇنيادا 34. نۇپۇس جەھەتتە شەھەر ھۇدۇدى نەزەرگە ئېلىنغاندا ياۋروپادا بىرىنچى، دۇنيا مۇقياسىدا لاگوس شەھرىدىن كېيىنلا، 6. ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئىستانبۇل، تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىدا، مارمارا دېڭىزى بويىغا ۋە بوغازئىچى بويىچە، خالىچنى ھەم ئوراپ تۇرىدىغان شەكىلدە قۇرۇلغان. ئىستانبۇل قىتئەلەر ئارىسى بىر شەھەر بولۇپ، ياۋروپادىكى رايونىغا ياۋرۇپا ياقاسى (Avrupa Yakası) ياكى رۇمئېلى ياقاسى، ئاسىيادىكى قىسمىغا بولسا ئاناتولىيە ياقاسى (Anadolu Yakası) ياكى ئاسىيا ياقاسى دېيىلىدۇ. تارىختا تۇنجى بولۇپ ئۈچ تەرەپى مارمارا دېڭىزى، بوغازئىچى ۋە خالىج تامانىدىن ئورالغان يېرىم ئارالنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىستانبۇلنىڭ غەربىي چىگراسى ئىستانبۇل سېپىللەرى ئىدى. ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىش ۋە كېڭىيىش ئەسناسىدا سېپىللەر ھەر قېتىمدا تېخىمۇ غەربكە كۆچۈرۈلۈپ 4 قېتىم كېڭەيتىلگەن بۇ شەھەرنىڭ 39 ناھىيەسى باردۇر. چىگرالارى ئىچىدە شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن بىرگە توپلام 40 ھۆكۈمەت بىناسى باردۇر.

دۇنيادىكى ئەڭ كۆھنە شەھەرلەرىدىن بىرى بولمىش ئىستانبۇل، 330 — 395 - يىللار ئارىسى رىم ئىمپېرىيىسى، 395 — 1204 بىلەن 1261 — 1453- يىللار ئارىسى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسى، 1204 — 1261- يىللار ئارىسى لاتىن ئىمپېرىيىسى ۋە نىھايەت 1453 — 1922- يىللارى ئاراسى دەۋلەتى ئالى ئوسمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پايتەختى بولدى. شۇنداقلا ئىستانبۇل، خىلاڧەتنىڭ ئوسمانلى سۇلتانلارى قولىغا ئۆتىشى 1517 دىن 1924- يىلى قالدۇرۇلغۇچە ئىسلامنىڭ ھەم مەركەزى بولغاندۇر.

ئىسمى

ئىستانبۇلغا تارىخ بويىچە ئوخشاشمىغان ئىسىملار بېرىلگەن. بۇ شەھەر ئىسىملىرى ۋە شەھەر تارىخىنىڭ ئوخشاشمىغان تارىخى دەۋىرلەرگە باغلىقتۇر. بۇ ئاتلار تارىخى نۆۋبەتى بىلەن بيزانتيون، ئائۇگۇستا ئانتونىنا، نوۋا روما، كونستانتىنوپولىس، قوستانتىنىييە، ئىسلامبول ۋە ئىستانبۇل قاتارلىقلاردۇر. بۇلاردىن باشقا تارىختا موڭغۇللار چاكدۇريان، پولشالىقلار كاناتورىيە، چېخلىقلار ئايلانا، ماجارلار ۋىزېندۇۋار دەپ ئاتىغان.

تارىخ بويىچە ئىستانبۇل شەھرىگە بېرىلگەن ئونلاپ ئات ئىچىدە، تۈركلەر تەرەپىدىن كەڭ تۈردە ئۆزلەشتۈرۈلگەن ۋە كۈنىمىزدە قوللىنىلماقتا بولغان ئىستانبۇل ئىسمىدۇر. بۇ ئات "eis tin polin"، "يۇنانچە: εις την πόλιν" دېگەن پۈتۈنلەمە سۆزدىن كەلگەن دەپ قارىلىدۇ. بۇ پۈتۈنلەمە، ئەينى چاغ يۇنان تىلىدا "شەھەردە"، "شەھەرنىڭ ئىچىدە"، "شەھەرئىچى" دېگەندەك مەنىلەرگە كېلەتتى.

شۇنداقلا خەلق ئاغزىدىكى جاراڭسىز "n" تاۋۇشى بىلەن بىرگە كەلگەن "p" تاۋۇشى "b" تاۋۇشىغا ئايلىنىدۇ. بۇ مەنادا ئىستانبۇل ئىسمىنىڭ يىلتىزى ناھايىتى كۆپ مەنبەئەدە بۇ پۈتۈنلەمە سۆز بىلەن باغلايدۇ. ئىسادىن كېيىنكى 2. ئەسردىن قالغان ئەرمەنى مەنبەئەلەردە ھەم Istanbol ۋە Istınbol شەكلىدە خاتىرلەنگەن شەھەر نامىنىڭ، تۈركچەگە بۇ شەكىلدە كىرگەن بولىشى مۇمكىندۇر. خالىق تارجان تەتقىقاتىغا كۆرە ئىستانبۇل نامىنىڭ يىلتىزىنىڭ يۇنانچە ياكى ئەرمەنىچە بولماي تۈركچە ئىكەنلىكىنى ۋە "astan bolıq" تىن كەلگەن دەپ ئىلگىرى سۈرمەكتە. As، قەدىمىي تۈركچەدە "كائىنات، ساما"، "تەڭرى بەلدەسى" دېگەندەك مەنىلەرگە كەلمەكتە. As يىلتىزىدىن As/qan (تەڭرى بەلدەسىدە ئېسىقلىق) كېلىپ زامان ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن Astan بولغان ۋە ھىتىت تىلىغا İstan دەپ ئۆتكەن. "Bolıq" بولسا شەھەر دېمەكتۇر ۋە بۇ كەلىمەنىڭ كۈنىمىزدە بولۇ، گېلىبولۇ، خەيرابولۇ، ئىنەبولۇ، نىغبولۇ، ساڧرانبولۇ ۋە تىرەبولۇ دېگەندەك مەۋجۇت ئۆرنەكلەرى باردۇر. بۇ ئىككى كەلىمە، "Astan-bolıq" بىزگە "جەننەتسىمان شەھەر" دېگەن مەنىنى بەرمەكتە. ئوسمانلى دەۋرىدە شەھەر مەركەزى ئۈچۈن قوللىنىلغان ئاتلار ئوخشاشمىسىمۇ ۋىلايەت دەرىجەسىدە ئاساسەن ئوخشاش ساقلانغان. ئىستانبۇل شەھرىنى باشقۇرۋاتقان ئۈست ئىدارىي ئورگاننىڭ، شەھەر بىلەن ئوخشاش ئىسىمى بىلەن ئاتىلىشى ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى دەۋرىدىن قالغان ئەنئەنەدۇر.

تارىخ

ئىسلام قوشۇنلىرى ھ. 49 / م. 669 - يىلى تۇنجى قېتىم فەزالە بىن ئۇبەيد ئەلئەنسارىي قوماندانلىقىدا قۇستانتىنىيە / كونستانتىنوپولنى قورشاۋغا ئالغان؛ ئىككىنچى قېتىم ھ. 54 – 60 / م. 674 – 680 - يىللار ئارىسى جۇنادە بىن ئەبى ئۇمەييە ئەلئەزدىي قوماندانلىقىدا يەنە بىر قېتىم ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قورشىغان، ئاخىرى سۈلھ تۈزۈلۈپ ئىسلام قوشۇنلىرى دەمەشىققە قايتقان؛ ئارىدىن 38 يىل ئۆتۈپ ھ. 98 / م. 717 - يىلى مەسلەمە بىن ئابدۇلمەلىك قوماندانلىقىدا 180 مىڭ كىشى، 1800 كېمىلىك ئىسلام قوشۇنى كونستانتىنوپولغا ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، ھ. 99 / م. 718 - يىلى خەلىفە ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ ئەمرى بىلەن قايتقان. 20 نەچچە قېتىم قورشاۋغا ئېلىپ ئەڭ ئاخىرىدا ھ. 857 جەمادىيەلئەۋۋەل 20 / م. 1453 - يىلى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 21 ياشلىق ئوسمانلى سۇلتانى مۇھەممەد II تەرىپىدىن 53 كۈنلۈك كۈچلۈك ھۇجۇمدىن كېيىن مەڭگۈگە ئىسلام تۇپرىقى بولۇپ قالدى.

جۇغراڧىيە

نۇڧۇس قۇرۇلمىسى

قاتناش-ئالاقە

ئىقتىساد

مەدەنىيەت

دىن

ھەمدوست شەھەرلەر

تاشقى ئۇلىنىشلار

باشقۇرۇش

مەنبە

Tags:

ئىستانبۇل ئىسمىئىستانبۇل تارىخئىستانبۇل جۇغراڧىيەئىستانبۇل نۇڧۇس قۇرۇلمىسىئىستانبۇل قاتناش-ئالاقەئىستانبۇل ئىقتىسادئىستانبۇل مەدەنىيەتئىستانبۇل دىنئىستانبۇل ھەمدوست شەھەرلەرئىستانبۇل تاشقى ئۇلىنىشلارئىستانبۇل باشقۇرۇشئىستانبۇل مەنبەئىستانبۇلIstanbul

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

ئەلىشىر نەۋائىئەخمەتجان ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ22- قەھرىتانمۇھەممەد ئەلەيھىسسالامخاربىن شەھىرىرۇمىنىيەفىلىپپىنرۇس تىلىئىنگلىز تىلىپاقاBaltimorماراكەشقارشەرقىي تۈركىستانئافغانىستانISO 3166-1بۇچا قەتلىئامىدۇبلىنسىرەك توپاراھىلە داۋۇتئىتالىيەبېلورۇسسىيەئاكادىمىيە مۇكاپاتىچوڭ تىل مودىلىلەڭگەر بازىرىدىنوزاۋرXampishirدارۋىنBristolبۇركىنا فاسوبېلگىيەUTC1901 - يىلىئىسىم قويۇش ئادىتىكۈلتۈرتبىلىسى1928 - يىلىھەپتەبىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىبۇچا ئۇرۇشىNyu York Shehiriجەنۇبىي ئامېرىكاچوڭ مېڭە پوستلاق ماددىسىلىۋىيەلومپا يېزىسىئەلى بىن ئەبى تالىبئۆت خالتىسىپارىژئابدۇقادىر جالالىدىنب م ۋھايۋاناتئايەت ئەلكۇرسىكارل ماركىسپورتۇگالىيەزايوم ئەڭ كۆپ دۆلەتئوكيان2009 - يىلىموڭغۇلىيەتور جەمئىيىتىمۇستاپا كامال ئاتاتۈركياپونىيەتور (ئىنتېرنېت)ئىران1986 - يىلى1905 - يىلىخىتايئەينەكزىغىر2021 - يىلىDéwonshirمۇھەممەد رەھىم ئەمىنكۆكتاتۋاز (كۆكچى)ۋيېتنامكانايچە كېڭىيىش1995 - يىلىمەككە🡆 More