زۇلقەرنەين

زۇلقەرنەين (ئەرەبچە: ذو القرنين) ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابى بولمىش ھەزرىتى قۇرئان كەرىمنىڭ كەھف سۈرىسىدە زىكىر قىلىنغان بىر زاتتۇر.

پەيغەمبەر ياكى ئەمەسلىكى تالاش-تارتىش قىلىنىدۇ. ئۇ زات بىلەن ئالاقەدار مەزمۇنلار يەئجۇج ۋە مەئجۇجنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلار تاناھتا ھەم باردۇر. يەجۇج ۋە مەجۇجنى توسىماق ئۈچۈن بىر سەد بىنا قىلغانلىقى ھەققىدە سۆزلىنىدۇ. قاچان ياشىغانلىقى بىلىنمەيدۇ.

كۆپچىلىك مۇفەسسىرلەر قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان زۇلقەرنەيننى مەشھۇر ئىشغالىيەتچى ئىسكەندەر مەقدۇنى دەپ قارايدۇ. بەئزىلەر ئۇنى يەمەننىڭ پادىشاھلىرىدىن بىرى دەپ قارايدۇ. بەئزىلەر ئۇنى ئۇ بىر ياخشى بەندە بولۇپ، اللە ئۇنىڭغا بۈيۈك سەلتەنەت، ھىكمەت ۋە فائىدەلىق ئىلىم ئەتا قىلغان دەپ قارايدۇر. زۇلقەرنەين ئىسكەندەر مەقدۇنى ئەمەس دېگۈچىلەر ئىسكەندەرنىڭ قەدىمكى يۇنان ئىلاھلارىغا ئىتىقاد قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئارستوتىلدىن فەلسەفە ئۆرگەنگەنلىكىنى، قۇرئاندا تىلغا ئالىنغان زۇلقەرنەيننىڭ بولسا تەۋھىدكە، اللەقا ئىشەنىشكە مايىل .ىكەنلىكىنى دەلىل قىلىپ كۆرسەتىدۇر. ئىسكەندەرنىڭ قەدىمكى يۇنان ئىلاھلارىغا ئىتىقاد قىلىش تەرەفلىرى بولسا، بۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي مۇھىتنىڭ ئۇنىڭغا تەئسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزى ئىشغال قىلىۋالغان مەدەنىي مىللەتلەرنىڭ مەئبۇدلەرىنى ھۆرمەت قىلغانلىقىدىن بولغان بولىشى مۇمكىن. ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ مەئبۇدى ئامونغا ئەنە شۇنداق مۇئامىلە قىلغان ئىدى.

ئۇنىڭ ئارستوتىلدىن فەلسەفە ئۆرگەنگەنلىكىگە كېلەدۇرغان بولساق «رۇھۇل مەئانى» تەفسىرىنىڭ مۇئەللىفى مۇنداق دەيدۇر:

"بىز ئىسكەندەرنىڭ ئارستوتىل فەلسەفەسىگە پۈتۈنلەي ئىتىقاد قىلادۇرغانلىقىغا قايىل ئەمەسمىز، چۈنكى بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە شاگىرت بولىشى ئۇنىڭ ھەممە مەسئەلەرگە بولغان قاراشى ئۇستازىنىڭ قاراشى بىلەن بىردەك بولىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇر."

ئىسكەندەر مەقدۇنى مىلادىدىن 356 يىل مۇقەددەم توغۇلغان. ئاتىسى ئۇنى ئوبدان تەربىيەلىگەن. ئۇ فەلسەفە ۋە ئىلىم-مەئرىفەت جەھەتتە كۆپ مەئلۇمات ھاسىل قىلغان، ئۆز دەۋرىدە جاھاننىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلغان. مىلادىدىن 332 يىل بۇرۇن مىسىرنى ئىشغال قىلىپ ئۇ يەردىن فارسلارنى قوغلاپ چىقارغان. مىسىردا ئىسكەندەرىيە شەھرىنى بىنا قىلغان. ئۇ ئىراق، ئىران، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ھۇدۇدلارىنى بويسۇندۇرغاندۇر. ئۇ مىلادىدىن 323 يىل ئالدىن بابىلدە 33 ياشىدە ۋافات تاپقان. ئۇنىڭ زۇلقەرنەين دەپ ئاتالىشى شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇنىڭ كەيگەن دوبۇلغاسىنىڭ ئىككى تەرەفىدە چوڭ ئىككى باغلام ئۇزۇن ئاق پەي بولغان.

مەنبە

Tags:

ئىسلامئەرەبچەقۇرئان كەرىميەجۇج ۋە مەجۇج

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

تېرمىنالدىلرابا دىلمۇراتبەراﺋ ئىبنى ئازىبچاۋشيەنمېكسىكائېلېكترون قەۋەتUTC ۋاقتىئازاق دېڭىزىCSSURLنۆۋەتتىكى ھادىسەسۇرە بەقەرەياۋروپاكونگو جۇمھۇرىيىتىمىڭ سۇلالىسىبالتىيات تىلدا شىئېر يازغىلى بولامدۇ؟Azuritچۇۋاشىيەبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىكولاي IIدۇتار1 - ئاۋغۇستمەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىكونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىۋىكىپېدىياغا ماقالە يوللاشئىستىقلال مارشى (تۈركىيە)روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىۋىكىپېدىيە ۋەخپىXélsinkiچۆچۈرەكۇرد تىلىقەدىمقى مىسىرقىرغىزىستانئورخۇن-يېنسەي يېزىقىئىنەكقازاقىستانپۇرچاق ئۇيۇتمىسىشراپنېل1936 - يىلىشىمال بۇغىسىھىرات ۋىلايىتىئۇممۇ كۇلسۇمچاڭجياڭ دەرياسىئىلھام ئالىيېۋدولائىتالىيەگېئورگىي مالېنكوفتۆمۈر خەلىپەتىزلەتمە دۇنيائورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىتۇڭگۇزباش قەدىمى شەھرىماتادىۋېنېرا26 - يانۋارمانگانئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىجىمىسار ناھىيىسىUyghur tiliGNUمەھجەر ئەدەبىياتىتەيۋەن20231901 - يىلىخەلقئارالىق فونېتىك ئېلىپبەخرومئابدۇقادىر جالالىدىنماۋرىتىئۇسئىسىم قويۇش ئادىتى🡆 More