UYGHURCHE, ]
ئالبېرت ئېينىشتېين Albert Einstein | |||||
---|---|---|---|---|---|
تۇغۇلغان ۋاقتى | 1879 - 14 - مارت | ||||
ۋاپاتى | 1955 - 18 - ئاپرېل | ||||
دۆلەت تەۋەلىگى | ئا ق ش |
ئالبېرت ئېينىشتېين (ئىنگ: Albert Einstein، ت. 1879 - 14 - مارت — 1955 - 18 - ئاپرېل) گېرمانىيەلىك نەزەرىيە ڧىزىكا ئالىمى، پەيلاسۇپ ۋە يازغۇچى. ئۇ دۇنياغا تونۇلغان ۋە تەسىر كۆرسەتكەن ئالىمدۇر. ئۇ "ھازىرقى زامان ڧىزىكىسىنىڭ ئاتىسى" دەپ تەرپلىنىدۇ. 1921-يىلى ئۇ نەزەرىيە ڧىزىكىسىغا قوشقان تۆھپىسى، بولۇپمۇ ڧوتو-ئېلىكتېر ئېڧڧىكىتىنى بايقىغانلىغى ئۈچۈن نوبېل ڧىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
ئېينىشتىيىننىڭ تۇلۇق ئىسمى- ئالبىرىت ئېينىشتىيىن(Albert Einstein) بۇلۇپ،-ⅩⅩئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى. ئۇ 1879-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى گىرمانىينىڭ ۋىيۇرتېمبىرىگ ئوبلاستى مىيونخىن ئەتراپىدىكى مەشھۇر ئۇلم دىگەن كىچىك شەھەردە كىچىك مۈلۈكدار يەھۈدى ئائىلىسدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ دادىسى ئۇيەردە بىر ئىلىكتىر سايمانلىرى زاۋۇتىغا ئىگىدارچىلىق قىلاتتى. ئېينىشتىيىن كىچىك ۋاختىدا ئانچە زىھنى ئۆتكۈر بالا ھىساپلانمايتتى، ئۇ ئۈچ ياشتىن ئاشقاندا تىلى چىققان بولسىمۇ لېكىن بەش ياش ۋاختىدىمۇ كىكەچلەپ سۆزلەيتتى. ئاتا-ئانىسى ئۈنى زىھىن جەھەتتىن ۋە يىتىلىشى جەھەتتىن نۇرمال ئەمەس، دەپ قارايتتى. بىراق كىچىك ئېينىشتىيىننىڭ فانتازىيلىك تۇيغۇسى كۈچلۈك ئىدى. تەبىئەت ھادىسىللىرىگە قاتتىق قىزىقىپ يۈرەتتى. ئۈزىنىڭ ئەسلىشىگە قارىغاندا تۆت-بەش ياش ۋاقىتلىرىدا ئۇنىڭدا بىر خىل «مۇقەددەس بىلىم ئېلىش» ئارزۇسى بولغان. شامال ۋە يامغۇرغا، ئاينىڭ نىمە ئۈچۈن چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقىغا،... ھەيران قالغان. بۇلارنىڭ تىگى-تەكتىنى بىلىشكە بولغان ئىنتىلىش ئۇنىڭدا ئۆتكۈر كۈزۈتۈش قابىليىتىنى يىتىشتۈرگەن. بىر كۈنى دادىسى ئۇنىڭغا بىر كۇمپاس ئېلىپ بىرىدۇ، ئۇ كۇمپاسنى قايسىلا تەرەپكە قاراتسا ئىچىدىكى سىتىرىلكىنىڭ ھامان ئوخشاش بىر يۈنۈلشنى كۆرسىتىپ تۇرغانلىقىنى بايقايدۇ. بۇ ئۇنىڭدا زور قىززىقىش پەيدا قىلىدۇ. ئۇ 12 ياش ۋاختىدا ئاممىباپ ئىلمى كىتاپلارنى ئۇقۇپ چىققاندىن كىيىن تىزلا «ئىنجىل» دىكى ھىكايىلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى راست ئەمەس دىگەن تۇنۇشقا كەلگەن. ئۇ ئېۋكىلىتنىڭ «گىومىتىريەنىڭ ئەسلى نۇسخىسى» نى ئۇقۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدىكى پىپاگور ‹گۇگۇ› تىئورمىسى ‹تىك بۇلۇڭلۇق ئۈچبۇلۇڭ تىئورمىسى› ئۇنى چوڭقۇر جەلىپ قىلىدۇ. ئېينىشتىيىن بۇلارنى زوق-ئىشتىياق بىلەن ئەسلەپ: «ئەگەرياش ۋاختىمدا مۇشۇ ئەسەر مىنى جەلىپ قىلمىغان بولسا، نەزىريە تەتقىقاتچىسى بۇلۇپ يىتىلىىشىم مۇمكىن ئەمەس ئىدى» دەيدۇ. شۇ يىلى ئېينىشتىيىن لونفود ئوتتۇرا مەكتىۋىگە كىرىپ ئۇقۇيدۇ.
ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى گىرمانىيە مەكتەپلىرىدىكى ئاشۇنداق قاتمال، ئۈلۈك مائارىپ تۈزىمىنى ياقتۇرمىغانلىقتىن بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە ئۇقۇمايدۇ. 1894-يىلى ئۈيىگە قايتىپ كىلىپ دادىسىنىڭ يىتەكچىلىگىدە ئۆزلىگىدىن ئۈگۈنىدۇ. 1895-يىلى ئېينىشتىيىن سىيورىخ فىدراتىپ سانائات ئىنىستوتىگە ئىمتاھان بىرىدۇ. ئەمما ئۇنىڭ ماتىماتىكا نەتىجىسى كۈرۈنەرلىك بولسىمۇ، ئورتاق نەتىجىسى ناچار بولغانلىقتىن قۇبۇل قىلىنمايدۇ. كىيىن كىيىن بائاۋۇرىيە ئوتتۇرا مەكتىۋىدە بىر يىل تۇلۇقلاپ ئۈگۈنۈپ، 1896-يىلى فىدراتىپ سانائەت ئونۋىرسىتىتى دارىلمۇئەللىمىن فاكولتىتىغا ئىمتاھان بىرىپ كىرىپ، ماتىماتىكا، فىزىكىنى بىرىلىپ ئۈگۈنىدۇ، ئۇ ۋاختىنىڭ تۇلىسىنى فىزىكا تەجىربىخانىسدا ئۆتكۈزىدۇ. بۇچاغدا ئۇ كەلگۈسىدە نىمە قىلىشنى بايقاپ فىزىكا نەزىريىسىنى بىرىلىپ ئۈگۈنىدۇ، فىزىكا ئالىمى بۇلۇشقا نىيەت باغلاپ، نەزىريە تەتقىقاتىغا كىرىشىدۇ. لېكىن بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئىشسىز قېلىپ تۇرمۇشتا قىيىنچىلىق تارتپ، ناچار ئۇقۇغۇچىلارغا ماتىماتىكا ۋە فىزىكا ئۈگۈتۈشتىن تاپقان كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇشىنى قامدايدۇ. 1901-يىلى ئۇ توي قىلدى، ھەمدە بىر ساۋاقدىشىنىڭ دادىسىنىڭ دوستىنىڭ كۆرسىىتىشى ئارقىلىق بىكار يۈرىيدىغان لېكىن كىرىمى ئانچە يۇقۇرى بولمىغان ئۇرۇنغا يەنى بېرىن شىۋىتسارىيە فىدراتىپ پاتىنت (خاس پايدا) ئىدارىسىگە كىرىپ، پاتىنت تەكشۈرگۈچى خادىم بۇلىدۇ. 1905-يىلى 26 ياشقا كىرگەن ئېينىشتىيىن ناھايىتى قىيىن شارائىت ئاستىدا، نۇرغۇنلىغان ئىلمى تەجىربە پاكىتلىرىغا ئاساسەن، نىيوتۇننىڭ نۇرغۇن يىللاردىن بۇيان مۇقەددەس دەخلىسىز بۇلۇپ كەلگەن مۇتلەق زامان‹ ۋاقىت › ۋە مۇتلەق ماكان ‹بوشلۇق› قارىشىنى ئىنكار قىلىپ، نىسپىيلىك نەزىريىسىنى ۋە يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى پىرىنسىپىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. ھازىرقى زامان فىزىكىسىنىڭ نەزىريىۋى تۈۋرىكنىڭ بىرى بولغان تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىنى بەرپا قىلىدۇ. شۇنداقلا شۇ يىلى 3- 6-ئايلاردا ئۇ يەنە «فوتۇ-ئىلىكتىر ئېفكىتى نەزىريىسى» ۋە «برئون ھەركەت نەزىريىسى»نى ئىلان قىلىدۇ. ئېنىشتىيىن گېرمانىيىنىڭ «فىزىكا ژورنىلى» دا ئارقا- ئارقىدىن ئۈچ پارچە ماقالە ئىلان قىلىپ، ئۈچ مۇھىم ساھە بۇيىچە تارىخى خارەكتىرلىك نەتىجىگە ئىگە بۇلىدۇ. ئۇنىڭ مۇۋاپىقىيتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھەر بىر پارچە ماقالسى بىلەن نوبىل مۇكاپاتىغا ئىرىشەلەيتتى. شۇ يىلى 3-ئايدا ئىلان قىلىنغان «نۇرنىڭ پەيدا بۇلىشى ۋە ئۇنىڭ ئايلىنىشىدىكى رىغبەتلەندۈرىدىغان نوختىنەزەر توغىرىسدا» دىگەن ماقالىسىدە ئېينىشتىيىن پىلانىكنىڭ كۋانىت پەرىزىنىڭ ئىلھامىدا «يۇرۇقلۇق كۋانتى تەلىماتى»نى ئوتتۇرغا قۇيۇپ،«ئىلىكتىر ماگىنىت دولقۇنىنىڭ ئىنىرگىيسى پارچە- پارچە يۇرۇقلۇق كۋانتى ئارقىلىق تارقىلىدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ كۋانت نەزىريىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ئىلىم-پەن تارىخىدا تۇنجى قېتىم مىكرو ئوبىكتىپ جىسىمنىڭ دولقۇنلۇق ۋە زەرىچىلىكتىن ئىبارەت ئىككى ياقىلىمىلىق خۇسۇسىيتىنى شەرھىلەپ بىرىدۇ. ئۇ يەنە كۋانت نەزىريەسى ئارقىلىق فوتو-ئىلىكتىرىك ئىففىكىت، رادىئاتسىيە جەريانى ۋە قاتتقىق جىسىمنىڭ سېلىشتۇرما ئسسىقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بۇلار كۋانىت مىخانىكىسىنى تىكلەش ئۈچۈن ئاساس يارىتىدۇ.
1921-يىلى ئېينىشتىيىن «فوتو- ئىلىكتىرىك ئففىكىت قانۇنى» نى بايقىغانلىقى ئۈچۈن شەرەپ بىلەن نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ. ئېينىشتىيىن بۇ شانلىق نەتىجىلەرگە ئىگە بولغاندىن كىيىن، ئۆز غەلبىسىدىن مەس بۇلۇپ كەتمەيدۇ. ئۇ ھەقىقەتنى تېپىش يۇلىدا زادى توختىمايدۇ. تىزلىنىشچان ھەركەتنىڭ نىسپىيلىگى ئۈستىدە يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئىزدىنىدۇ. 1907-يىلى تارتىش كۈچى مەيدانىدا ھەممە جىسىملار ئوخشاش تىزلىنىشتا بۇلىدىغانلىقى ئۈستىدىكى تەجىربە ئەمىليىتىگە ئاساسەن بىر خىل تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ تەكشى تىزلىنىش بىلەن تەڭ قىممەتتە بۇلىدىغانلىغىدىن ئىبارەت قائىدىنى ئوتتۇرغا قويدى. 1902-يىلىدىن 1909-يىلغىچە ئۇ 8 يىل «3-دەرىجىلىك مەخسۇس خادىم» لىق ۋەزىپىسىدە بولدى. 1909-يىلى مەشھۇر فىزىكا ئالىمى گىرمانىيە مائارىپ مىنىستىرى پلانكىنىڭ كۆرسىتىىشى ئارقىلىق سىيورىخ ئونۋىرسىتىتىنىڭ نەزىريە فىزىكا دوتسىنتى بۇلىدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ شانلىق نەتىجىللىرىگە ئاساسەن، پلانك: «ئەگەر ئېينىشتىيىننىڭ نەزىريىسى ئىسپاتلىنىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا ⅩⅩ-ئەسىردىكى كوپىرنىكنىڭ ھەقىقەتنى ئىسپاتلىغانلىقى دەپ گۇۋاھلىق بىرىمەن» دىگەن ئىدى. ئېينىشتىيىن 1911-يىلى فىراگا گىرمانىيە ئونۋىرسىتىتى نەزىريە فىزىكىسى پىراپپىسورى بۇلىدۇ. 1912- يىلى شىۋىتسارىيەگە قايتىپ كىلىپ سىيورخ فىدراتىپ سانائەت ئونۋىرسىتىتىنىڭ نەزىريە فىزىكا پىراپپىسورى بۇلىدۇ. 1913-يىلى فروسىيە پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ ئاكادىمىكلىكىگە سايلىنىدۇ. شۇ يىلى بىرلىن ئونۋىرسىتىنىڭ فىراپپىسورى قوشۇمچە ۋىليام پادىشالىق ئىلمى جەمىيتى فىزىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بۇلىدۇ. ئېينىشتىيىن غايەت زور خىزمىتىنى 1915-يىلى ئۇرۇنلاپ، خۇلاسە خارەكتىرلىك ئەسەر- «كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسى» نى ئىلان قىلىدۇ. ئاندىن ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىكتىكى تارتىشش كۈچى نەزىريىسى ۋە ھەركەت تەڭلىمىسگە ئاساسەن نۇرنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدا ئاغىدىغانلىقى، مىركورىنىڭ قۇياشقا يېقىنلاشقان نوختىسىدا قوزغۇلۇش پەيدا بۇلىدىغانلىقى ۋە قۇياش كۈچى مەيدانىدىكى سىپىكتىر سىزىقلىرىنىڭ قىزىل تەرەپكە قاراپ ھەركەت قىلىدىغانلىقى توغىرىسىدىكى ئۈچ چوڭ بىشارەتنى ئوتتۇرغا قويدى. 1919-يىلى ئەنگىليە ئاستىرنوملىرى كۈننىڭ تۇتۇلىشىنى كۈزىتىش ئارقىلىق ئېينىشتىيىننىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىدا نۇرنىڭ قايتىدىغانلىقى توغىرىسىدىكى بىشارەتنى دەلىللىگەن. كۈزىتىش نەتىجىسىنىڭ ئىلان قىلىنىشى بىلەن پۈتۈن دۇنيا بۇيىچە زور تەسىر قوزغىغان ئېينىشتىيىن 1921-يىلى نۇبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشىدۇ. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇ دۇنيا بۇيىچە داڭلىق پۈتۈن يەر شارى بۇيىچە شۆھرەتلىك ئەرباپ بۇلۇپ قالغان. لېكىن ئۇ ھېچقاچان ئۈزىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرى بىلەن قانائەتلىنىپ قالماي يەنىلا مەلۇم بولمىغان ھەقىقەت ئۈسىتىدە كەمتەرلىك بىلەن ئۆزلىكسىز ئىزدىنىپ، ئىلىم-پەننىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەم قورغانلىرىغا توختىماي ھۇجۇم قىلغان. ئۇ: « مەن بىر پارچە تاختاينىڭ ئەڭ نىپىز، ئەڭ ئاسان تەشكىلى بۇلىدىغان يىرىنى تېپىۋېلىپ، نۇرغۇن تۈشۈكلەرنى تىشىۋېتىدىغان ئالىملارغا تاقات قىلىپ تۇرالمايمەن» دىگەن ئىدى. ئۇ ئۆمرىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا يەنى نىسپىيلىك نەزىريىسى ئالەمشۇناسلىق ۋە بىرلىككە كەلگەن مەيداندىن ئىبارەت بەكمۇ قىيىن بولغان ساھەلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يۇلىدا ئىزلىنىش خارەكتىردىكى خىزمەتلەرنى ئىشلەيدۇ. ئۇ بۇ تەتقىقاتلاردىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە چوڭ نەتىجە ھاسىل قىلىش ئاسان ئەمەسلىگىنى ئىنىق بىلسىمۇ، لېكىن ئۈزنىڭ شەخسى پايدا زىيىنى بىلەن ھىساپلاشماي پۈتۈن زىھنىنى مۇشۇ تەتقىقاتقا سەرىپ قىلىدۇ. بۇلۇپمۇ مۇشۇ جەھەتتىكى ئىزلىنىشىگە كىيىنكى ھاياتىدىكى پۈتۈن زىھنىنى سەرىپ قىلىپ، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان بولسىمۇ لېكىن قىلچە پۇشايمان قىلمايدۇ.كىيىنرەك ئۇنىڭ دىققەت كۈچىنى بارغانسىرى كۆپرەك يەھۇدى دۆلىتىنى تىرىلدۇرۇش ۋە دۇنيا يىنىچلىقى مەسىلىلىرى ئىگەللىۋالىدۇ. 1932-يىلى ئېينىشتىيىن مەشھۇر فىزىكا ئالىمى لانگېۋىن بىلەن بىرلىكتە فاشىسىزىمغا قارىشى تۇرىدۇ.
1933-يىلى گىتلىر تەخىتكە چىقىپ، ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزىريىسىنى «يەھۇدى پىتنىسى» دەپ جاكارلايدۇ. ئۇنى بىرلىن پەنلەر ئاكادىمىيىسىنىڭ رويىخېتىدىن ئۈچۈرۋېتىدۇ، ھەمدە ئېينىشتىيىننىڭ ئەنگىليەنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ، ئۇنى سىرتتىن ئۈلۈمگە ھۈكۈم قىلىدۇ، ئۈيى تىنىتىلىدۇ، مال- مۈلىكى مۇسادىرە قىلنىدۇ، ئەسەرلىرى كۆيدۈرۋېتىلىدۇ. شۇ يىلى 10-ئايدا ئېينىشتىيىن ئامرىكىغا بېرىپ، يىڭى جىرسىې شىتاتىنىڭ پىرېنىستۇن ئالى تەتقىقات ئورنىدا پىراپىسسور بۇلىدۇ. 1940-يىلى ئۇ ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۈتىدۇ، شۇنىڭدىن كىيىن داۋاملىق ھالدا ئامرىكىدا نەزىريە فىزىكىسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ئېينىشتىيىن نىيوتۇندىن قېلىشمايدىغان ئىلىم-پەن پىشىۋاسى. ئۇ فىزىكىنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. ئەگەر پەقەت مۇھىمىنىلا تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسە، ئۇنداقتا، خۇددى ئېينىشتىيىن ۋاپات بۇلۇش ئالدىدا قالدۇرغان بىر قول يازما ئارگىنالىدا خۇلاسە قىلغاندەك: «زامان، ماكان، تارتىش كۈچى، ماسسا ۋە ئىنىرگىيە تەڭ قىممەتلىك نەزىريىسى قاتارلىق يىڭى نوختىنەزەرلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان نىسپىيلىك نەزىريىسىنى بەرپا قىلىش، بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مەيدان نەزىريىسىنى تىكلەش ‹پۈتتۈرەلمەيدۇ› كۋانىت نەزىريەسىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۆھپە قۇشۇش ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىشى كىرەك». كىيىن ئېينىشتىيىن كۋانىت مىخانىكا نەزىريەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل تۈردە كۈڭۈل بۈلۈپ، كوپنھاگىن ئىلمى ئېقىمىدىكى بور، بون قاتارلىقلار بىلەن ئىلىم جەھەتتە 30 يىلغا يېقىن بەس مۇنازىرە قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، ئۇنىڭ ئۈستىگە يىتەكچىلىك قىلغۇچى ئۇستاز بولمىغان ئەھۋالدا مۇشۇنداق ئۇلۇغ مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىگە بۇلىشى ئىلىم- پەن تارىخىدا بۇلۇپ باقمىغان ئىش ئىدى. ئېينىشتىين نوپۇزغا خۇراپىيلارچە ئىشىنپ كەتمىگەن، باشقىلارنىڭ ئۈزىگە خۇراپىيلارچە ئىشىنىپ كىتىشىگە ۋە چۇقۇنىشىغا قارشى تۇرغان.1952-يىلى ئىسرائىلىيە زۇڭتۇڭى ۋېسمان ئۆلگەندىن كىيىن، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى ۋە كەڭ جامائەت ئۇنىڭ زۇڭتۇڭ بوۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ پەقەت:«مەن زۇڭتۇڭ بولامايمەن» دىگەن سۆزنىلا قىلىدۇ. ئۇنىڭ «ھەقىقەتكە ئىگە بۇلۇشقا قارىغاندا ھەقىقەتنى تېپىش تېىخىمۇ قىممەتلىك» دىگەن ھىكمەتلىك سۈزى بار. دەرۋەقە ئۇ ھەقىقەتنى تېپىش يۇلىدا مەڭگۈ «توختىماي» ئوتتى. شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى ئىلىم-پەننىڭ ئەگىرى-تۇقاي يوللىرىدا باتۇرلۇق بىلەن يۇقۇرى پەللىگە ئۆرلىگەن يېرىم ئەسىردىن كۆپ ۋاقىتى ئىچىدە ئۇ بىر كۈنمۇ تىنىم تاپمىغان. ھازىرقى ۋاقىتتىكى ئاتۇم ئىنىرگىيسدىن پايدىلنىش، تۇنجى ئاتۇم بومىبىسىنى ياساش، قۇياش ئىنىرگىسىدىن پايدىلنىش، قوزغۇتۇلغان نۇر تېخنىكىسىنىڭ كۆپ قوللىنىشى... مانا مۇشۇ پەن-تەخنىكىدىكى ئۇلۇغ نەتىجىلەرنىڭ ھەر قايسىسىغا ئېينىشتىيىن ئۆز ھاياتىدىكى جاپالىق ئەمگىكى ئارقىلىق نەزىريىۋى ئاساس سېلىپ بەرگەن. ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنيىتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قۇشۇپ، پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن ئۇلۇغ فىزىكا ئالىمى ئېينىشتىيىن 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 76يېشىدا ئامرىكىدا كىسەل كارۋىتىدا تەتقىقات ئۈستىدە ۋاپات بولدى.
2006-يىلى 3- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۇلۇغ ئالىم ئالبىرىت ئېينىشتىيىن (Albert Einstein) نىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 127 يىللىق خاتىرە كۈنى. 2006- يىلى 4-ئاينىڭ 18- كۈنى ئۇ ۋاپات بولغانلىقىغا 51 يىل بولغان خاتىرە كۈن. ئېينىشتىيىن تەبىئى پەنگە ئۇلۇغ، كۆپ تەرەپلىمە تۆھپىلەرنى قوشتى، ئۇنىڭ ئەڭ زور ئىلمى تۆھپىسى نىسپىيلىك نەزىريىسىنىڭ ئاساسىنى ياراتقانلىقى بولدى. نىسپىيلىك نەزىريىسى تۈۋەندىكىدەك ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچىسى تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى، ئىككىنچىسى كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسى. ئېينىشتىيىن نىيوتۇن مىخانىكىسىنى تەرەققى قىلدۇروپ، 1905-يىلى 6-ئايدا يازغان «ھەركەتتىكى جىسملارنىڭ ئىلىكتىر دىنامىكىسى» دىگەن ئەسىرىدە تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىنى تىكلەپ، فىزىكىنىڭ يىڭى دەۋرىنى يارىتىدۇ. ئۇ نىسپىيلىك پىرىنسىپى بىلەن يۇرۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۆزگەرمەسلىك پىرىنسىپىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسى پىرىنسىپنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. شۇنداقلا زامان، ماكانلارنىڭ يىڭى ئۇقۇمىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. شۇ يىلى 9- ئايدا يەنە «جىسىمنىڭ ئىنىرتسىيسى ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنىرگىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟» دىگەن ئىلمى ماقالىنى يېزىپ چىقىپ، داڭلىق ماسسا ئنىرگىيە مۇناسىۋەت ئىپادىسى نى ئوتتۇرغا قويۇپ،ماسسىسى بولغان جىسىمدا ئېنىرگىيە ساقلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ،ئاتوم ئېنىرگىيسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئۈچۈن نەزىرىيىۋى ئاساس يارىتىدۇ.1907-يىلدىن باشلاپ كەڭ مەنىدىكى نىسبىلىك نەزىرىيىسىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىپ، 1916-يىلى دوستى ماتىماتىكا ئالىمى گىروسماننىڭ ياردىمى بىلەن گىرمانىينىڭ «فىزىكا ژورنىلى» دا «كەڭ مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىنىڭ ئاساسى» دىگەن ئىلمى ماقالىسنى ئىلان قىلىپ، كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىنى تىكلەيدۇ. ئۇ كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسىنىڭ تارتىش كۈچى نەزىريىسى ۋە ھەركەت تەڭلىمىسىگە ئاساسەن: (1) نۇرنىڭ قۇياشنىڭ تارتىش كۈچى مەيدانىنىڭ تەسىر بىلەن "1.7 بۇلۇڭ بىلەن ئېغىشىدىغانلىقى، (2) مىركورىنىڭ كۈنگە يېقىن نوختىسىنىڭ بۇلۇڭلۇق تىزلىگى بىلەن ئاستا ھەركەت قىلىدىغانلىقى،(3) تارتىش كۈچى مەيدانىدا ئىسپىكتىر سىزىقلىرىنىڭ قىزىل تەرەپكە سىلجىيدىغانلىقى... قاتارلىق ئۈچ چوڭ ھۈكۈمنى ئالدىنئالا ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. 1919- يىلى ئەنگىليە ئاستۇرنومىيە ئالىمى ئېيدېڭتون (a.s.Eddington) قۇياشنىڭ كۈيۈشىنى كۈزۈتۈش ئارقىلىق تەجىربە ئىسپاتلىغان. نۇرنىڭ "1.64 بۇلىڭىدا ئېغىشى بىلەن ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزىريىسىگە ئاساسەن ئوتتۇرغا قويغان ھۈكۈمىدىكى سانلىق قىممەت ئىمنتايىن يېقىن بولغان. ئەنگىليەنىڭ مەشھۇر فىزىكا ئالىمى تومسۇن (j.j Thomson) ھاياجانلانغان ھالدا: «ئېينىشتىيىن ياراتقان نىسپىيلىك نەزىريىسى، ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇۋاپىقىيەتلىرىنىڭ بىرى» دەپ جاكارلىغان. 1929-يىلى 2-ئايدا، ئېينىشتىيىن «بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزىريىسى» دىگەن ئىلمى ماقالىنى ئىلان قىلىدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ئاساسەن كىيىنكى يېرىم ھاياتىنىڭ بارلىق زىھنى كۈچىنى بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن مەيدان نەزىريىىسنى تەتقىق قىلىشقا بېغىشلاپ، تارتىش كۈچى مەيدانى بىلەن ئىلكتىر ماگىنىت مەيدان نەزىريىسىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرىنىدۇ. گەرچە ئېينىشتىيىننىڭ بۇ جەھەتتكى تەتقىقاتلىرىدا ئېيتقىنىدەك مۇھىم ئىلگىرلەشلەر بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ پۈتۈنلەي يىڭى بولغان تەتقىقات ساھەسىنى ئېچىپ بەرگەنلىكى بىلەن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە ئەلۋەتتە. 1976-يىلى گىلاسخوۋ، ۋېنبېرىگ، ئابدۇسالاملار ئاجىز ئىلىكتىر بىردەكلىنىڭ قېلىپلاشتۇرۇلغان مەيدان نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قويدى. ئېينىشتىيىن نەزىريىسىنىڭ رىئاللىقى بارغانسىرى تەجىربە تەرىپىدىن ئىسپاتلانماقتا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى كىشىلەر كۈچلۈك ئۆز-ئارا تەسىر، ئاجىز ئۆز-ئار تەسىر، ئىلىكتىر ماگىنىتنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرى ۋە تارتىش كۈچىنىڭ ئۆز-ئارا تەسىرىنى بىرلىككە كەلتۈرمەكچى بۇلۇشۇپ، بۈيۈك بىرلىككە كەلگەن مەيدان نەزىريىسىنى ئوتتۇرغا قۇيىۋاتىدۇ. ئېينىشتىيىننىڭ ئۇرۇنداشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىشلرىغا بارغانسىرى كۈڭۈل بۈلۈنۈپ، ئۆزلۈكسىز تەرەققىياتلار قولغا كەلتۈرۈلمەكتە. ئېينىشتىيىننىڭ نىسپىيلىك نەزىريىسىنى ئىككى چوڭ مەزمۇن ۋە يەتتە كىچىك نوختىغا يىغىنچاقلاشقا بۇلۇدۇ.
(1) تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى نىسپىيلىك قائىدسى: مەيلى مىخانىكىلىق ھادسىلەر بولسۇن ياكى ئوپىتكا ۋە ئىلىكتىر ماگىنىت ئىلمى ھادىسىلەر بولسۇن، ئۇلار ئەمەل قىلىدىغان قانۇنيەتلەر ئىنىرتسىيلىك سېستىمىلارنىڭ ھەركەت ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بۇلىدۇ. دىمەك، مىخانىكا قانۇنى بىلەن ئىلىكتىر ماگىنت ھەركىتى قانۇنىنى بارلىق ئىنىرتسىيلىك سېستىمىلاردا ئوخشاش تۇرغۇزۇشقا بۇلىدۇ. مانا بۇ پەرەز تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى نىسپىيلىك قائىدىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. تار مەنىلىك نىسپىيلىك نەزىريىسىدىكى نىسپىيلىك قائىدىسى ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندىن كىيىنكى 100 يىل ۋاقىتتىن بۇيان، كىشىلەر نىسپىيلىك قائىدىسى ئۈستىدە ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تەجىربە ئېلىپ بارغان ۋە بۇ تەجىربىلەرنىڭ ئىنىقلىق دەرىجىسى بارغانسىرى يۇقۇرى ئۆرلىگەن بولسىمۇ، تا بۈگۈنگە قەدەر، نىسپىيلىك قائىدىسىگە زىت كىلىدىغان تەبىئى ھادىسلەر تېخى ئۇچىراپ باقمىدى. ئەلۋەتتە، ئىنسانلارغا ھەركەتنىڭ نىسپىيلىگى توغىرىسدا، بۇندىن كىيىن يەنە ئۆزلۈكسىز رەۋىشتە چوڭقۇر تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا توغرا كىلىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article ئالبېرت ئېينىشتېيىن, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.