ماخاۋ

تېرە، شىللىق پەردە، ئەتراپ نېرۋا، لىمفا تۈگۈنچىسى قاتارلىقلاردىكى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك يۇقۇملۇق كېسەل بولۇپ ئاقىۋەتتە بىمارنىڭ چىراي-قىياپىتى شىر شەكلىگە كېلىپ قالىدۇ.

كېسەللىك ئورنى تىرە ئەتراپى
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق
خەنزۇچە نامى 麻瘋
ئاساسلىق ئالامىتى يامان سۈپەتلىك جۇزام (ماخاۋ)،ياخشى سۈپەتلىك جۇزام (ماخاۋ)
غەرب تېبابىتى نامى ماخاۋ
باشقا ئاتىلىشى جۇزام

سەۋەبى

ئوفۇنەتلەنگەن سەۋدا خىلىتىدىن پەيدا بولىدۇ. ئوفۇنەتلەنگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تېرە شىللىق پەردە، ئەتراپ نېرۋا، لىمفا تۈگۈنچىلىرى قاتارلىق ئورۇنلارغا ئۇزۇن مۇددەت تەسىر قىلىشىدىن يەرلىك ئورۇندا سەۋدا خىلىتى چۆكمە بولۇپ سوزۇلما ياللۇغلىنىش، شەكىل ئۆزگىرىش ياساپ بۇ كېسەلنى پەيدا قىلىدۇ.

ئالامىتى

ماخاۋ (جۇزام ) كېسەللىكىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى 10~2 يىلغىچە ھەتتا 10 يىلدىنمۇ كۆپ بولىدۇ. تېرىنىڭ مەلۇم قىسمىغا ئۇزاققىچە يوقالمايدىغان قىزىل داغ، سۇس ئاق داغ ياكى باشقا رەڭدىكى داغ پەيدا بولۇپ ياكى تېرىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان قىزىل داغ پارچىسى پەيدا بولۇۋېلىپ سىلىغاندا سېزىمى ناچار بولۇپ ئىسسىق-سوغۇقنى سەزمىسە قىچىشمىسا، تەرلىمىسە، جۇزامدىن گۇمان قىلىش كېرەك. جۇزامنىڭ ئالامەتلىرى ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ.

1. يامان سۈپەتلىك جۇزام: ئۆسمە تىپلىق جۇزام دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كۈچلۈك يۇقۇمچانلىق خۇسۇسىيىتى بار، كېسەللىك تەرەققىياتى تېز بولىدۇ. كېسەللىك زەخىملىرى تېرە شىللىق پەردىلىرىدىن باشقا كۆز، تال، كانايچە، جىگر، گل، لىمفا تۈگۈنچىلىى، تۇخۇمدان، ئۇرۇقدان ۋە ئۇستىخانلارغىمۇ تارقىلىدۇ. تېرىدە ھەم دائىم سىممېترىك ئورۇنلاشقان كەڭ دائىرىلىك، چۆرىسى قىزغۇچ رەڭلىك داغلار پەيدا بولىدۇ. چۆرىسى ئېنىق بولمايدۇ. بىر مەزگىلدىن كېيىن تېرىدىكى داغلارنىڭ رەڭگى سېرىق ياكى قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىدۇ. ئاندىن يۇمىلاق مۇنەكچىلەر ياكى قېلىنلاشقان داغلا پەيدا بولىدۇ. داغلار ئۆزئارا بىرلىشىپ چوڭ پارچىلارغا ئايلىنىدۇ. كېيىنكى دەۋرلىرىگە بارغاندا بىمارنىڭ چىرايى شىر چىراي بولۇپ قالىدۇ. بۇ چاغدا بىمارنىڭ پېشانىسى ۋە ئىككى قېشىنىڭ تېرىسى قېلىنلىشىپ تۆكۈلىدۇ، قاشلىرى چۈشۈپ كېتىدۇ. قاڭشىرى ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ. كالپۇك ۋە قۇلاق سۇپۇرىسى قېلىنلىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلاپ كېتىدۇ. ئاۋازى پۈتۈپ قالىدۇ. ئۇرۇقدانغا تەسىر قىلسا ئۇرۇقى يوقىلىدۇ، تۇخۇمدانغا تەسىر قىلسا ئايال تۇغماس بولۇپ قالىدۇ. ئۇرۇقدان توقۇلمىلىرىغا تەسىر قىلىپ زەخىملەندۈرسە ئىچكى ئاجراتما قابىلىيىتى قالايمىقانلىشىپ ئەرلەرنىڭ ئاۋازى ئايالچە چىقىدۇ . ساقال-بۇرۇتلىرى چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەمچىكى يوغىناپ كېتىدۇ. نېرۋىلارغا تەسىر قىلسا قولغا پەلەي، پۇتىغا پايپاق كىيىۋالغاندەك ئۆزگىرىپ سەزگۈرسىنى يوقىتىدۇ. قۇرغاقلىشىپ قاسىراقلىشىپ سويۇلۇپ چۈشىدۇ. گۆشلەر يىگىلەيدۇ.

2. ياخشى سۈپەتلىك جۇزام: بۇنىغا سىلغا ئوخشاپ كېتىدىغان جۇزام ۋە تىپى مۇقىم بولمىغان جۇزاملار كىرىدۇ. سىلغا ئوخشاپ قالىدىغان جۇزامنىڭ يۇقۇمچانلىقى ئادەتتە زور ئەمەس، دەسلەپكى دەۋرىدە ئۇزاققىچە يوقالمايدىغان ئاق ياكى قىزغۇچ رەڭلىك داغلار كۆرۈلىدۇ. ئۇلارنىڭ قىرلىرى روشەن، چېگرىسىدا ھەمىشە دېگۈدەك ئۇششاق مۇنەكچىلەر بولۇپ كۆپىنچە ئۇششاق قاسىراق قاپلاپ تۇرىدۇ. قولغا يىرىك ئۇرۇنىدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدىكى تېرە دائىم دېگۈدەك رەڭسىزلەنگەن بولۇپ سېزىمى يوقىلىش قوشۇلۇپ كېلىدۇ. تېرە تاشمىلىرىنىڭ شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى بىردەك بولمايدۇ. كۆپىنچە ھالقىسىمان شەكىلدە بولۇپ ئەتراپى كەڭ بولىدۇ. چوڭلىرىدا ھەتتا پۈتۈن دۈمبە ساھەسىنى ئىگىلەپ كېتىشى مۇمكىن. سېزىمى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئىسسىق-سوغۇق، ئاغرىق ھېس قىلمايدۇ. يىرىكلىشىپ قالىدۇ. ئۈستىنى قەۋەت-قەۋەت قاسىراق قاپلايدۇ. مويلار چۈشىدۇ. تېرە زەخىملىرى ئاغرىمايدۇ، قىچىشمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن بىمار دىققەت قىلماي داۋالىنىش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ.

دىئاگنوزى

1. تېرە زەخىمىسىگە قوشۇلۇپ سېزىمى توسقۇقلۇققا ئۇچراش بىرگە كەلسە.

2. ئەتراپ نېرۋىلارنىڭ يۈزەكى نېرۋىلار قېلىنلاش بىلەن ئىقتىدارى توسقۇنلۇققا ئۇچراش قوشۇلۇپ كېلىش.

3. تېرىدىن سۇۋالما ئېلىپ تەكشۈرگەندە جۇزام جاراسىمى مۇسپەت چىقىش قاتارلىق نۇقتىلارغا ئاساسەن دىئاگنوز مۇقىملىنىدۇ.

سېلىشتۇرما دىئاگنوزى

تۈگۈنلۈك قىزىل داغدىن پەرقلەندۈرۈپ دىئاگنوز قويۇلىدۇ، ئەسۋە چىقىشتىن ئىلگىرى قىزىش، بوغۇملار، مۇسكۇللار سىقىراپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ پاقالچاقنىڭ سۈزۈلۈش قىسمىغا دىئامېتىرى بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا تومپىيىپ چىققان قىزىل رەڭلىك تېرە ئەسۋىسى چىقىدۇ. بىراق يارا شەكىللەنمەيدۇ. كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى يۇقۇملانغان، ئاتبىئوتىك دورىلارنى ھامىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىشلەتكەن تارىخى بولىدۇ.

داۋالاش پىرىنسىپى

1. ئۇفۇنەتلەنگەن سەۋداغا قارىتا مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىپ ماددا تازىلىنىدۇ.

2. ئاساسىي داۋالىغۇچى دورىلاردىن قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش، بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈش مەقسىتىدە ئىچى-سىرتىدىن دورا ئىشلىتىلىدۇ.

3. ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى

ئوفۇنەتلەنگەن سەۋداغا قارىتا خالىس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچىنى 150 مىللىلىتىردىن بىر كۈندە ئۈچ قېتىم بېرىپ ماددا پىشقانلىق ئالامىتى كۆرۈلگەندە مەتبۇخى مائۇلجەبەن 100 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، ئايارەنج لوغانزىيا بەش گرام، بىر قېتىم قوشۇپ 5~3 كۈنگىچە بېرىپ مۇسھىل قىلىنىپ ماددا تەنقىيە قىلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئۇدا ئۈچ قېتىم داۋاملاشتۇرۇلىدۇ. يەنى ئۈچ قېتىم (ئۈچ باسقۇچ) مۇنزىچ، مۇسھىل بېرىلىدۇ، مۇنزىچ موسھىلدىن كېيىن قان تازىلاش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە ئەرقى مۇسەپپايى خۇن 50 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، مەجۇنى ئۆشبە 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، مەتبۇخى شاھتەررە 100 مىللىلىتىردىن ئۈچ ۋاخ، ئەرقى چۆبچىن 10 گرامدىن ئۈچ ۋاخ، مەجۈنى ئەفئى، ھەببى سۇممۇلفار بەش گرامدىن ئىككى ۋاخ، دورىلارنى مۇۋاپىق تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

سىرتىدىن تېرىگە نەملىك تولۇقلاش مەقسىتىدە قىز تۇغقان ئايال سۈتى، قاپاق يېغى، بادام يېغى، بىنەپشە يېغى قاتارلىقلاردا بەدەن مايلىنىدۇ. مەلھىمى جۇزام چېپىلىدۇ ھەم مۇۋاپىق كۈن نۇرىغا قاقلىنىدۇ. ھەببى سەممۇلفارنىڭ تەركىبى: سىماب، سۇممۇلفار (ئارسنىك) ئۈچ گرامدىن، كۆندۈر 18 گرام، رەۋەن 12 گرام، سەمغى ئەرەبى ئالتە گرام. يۇقىرىقى دورىلارنى قائىدە بويىچە سوقۇپ، تاسقاپ، نوقۇت چوڭلۇقتا ھەب تەييارلاپ كۈندە بىر قېتىم ھەر قېتىمدا بىر تالدىن بېرىلىدۇ.

بەدەننى، رەئىس ئەزانى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن ماددەتۇلھايات، مەجۈنى نۇجاھ، داۋائىلمىشكى بېرىلىدۇ.

Tags:

ماخاۋ سەۋەبىماخاۋ ئالامىتىماخاۋ دىئاگنوزىماخاۋ سېلىشتۇرما دىئاگنوزىماخاۋ داۋالاش پىرىنسىپىماخاۋ داۋالاش ئۇسۇلىماخاۋ

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

ئېكۋادورئىۋان IVJyangju shehiriئىسلام نەپىرەتچىلىرىئاستاناكوبى بىرايېنتپروڧېسسورسەۋزەجىن شۇرېن20- ئۈمىد1954 - يىلى1789 - يىلىنورۋېگىيەئىتالىيەLatin script articleCSSكارېلىيەئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىشى جىنپىڭزامبىيەتۇرپان ۋىلايىتىماسساچۇسېتس تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتىتۈرك كېڭىشى1957 - يىلىئېينشتېينىيمېنبا مىللىتىسولومون تاقىم ئاراللىرىدولقۇن ئەيساOsaskoسۈرە مەسەد1991 - يىلىشىفىرلىق پۇللار تىزىملىكىئورقۇ رايونىياڭ زېڭشىنKrakowئولمپىك مەشئىلىگرېناداغپورتۇگالىيەلوندۇنۋېلىكو تارنوۋوگانا جۇمھۇرىيىتى1999 - يىلىسان مارىنوقاغىلىق ناھىيىسىشىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنوتتىڭخام ئۇنىۋېرستېتىجون ماينارد كېينېستەيۋەنManitoba Ölkisiقىچاتارماشىرىنبۇرھان شەھىدىفىجىبۈيۈك بېرىتانىيە31 - يانۋاركورىيەئىنگلىز تىلى11- فېۋرالبوسنىيە تىلىTengritaghAlyaska Shitati27- ھۇدئەجەل پۈتۈكىئىسلاندىيەباش20 - ئاپرېلياڭ جىيەنبولىۋىيەئېرىترېيەBan'galorتازقۇمايپەرىشتە (ئىسلام)🡆 More