كۈنجۈتلۈك كۇمۇلەك بولسا قوي گۆشى ، پۇرچاق ئۇنى ، خام كۈنجۈت، كۈنجۈت يېغى ، ئاق شېكەر ، سۇ يېغى، قىزىلگۈل مۇرابباسى، تۇخۇم، ئاچچىقسۇ قاتارلىقلارنى خام -ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدىغان يېمەكلىك .
8پارچەكېرەكلىك ماتېرىياللارقوي گۆشى 245 گرام، پۇرچاق ئۇنى 50 گرام، خام كۈنجۈت ئازراق، كۈنجۈت يېغى ئازراق، ئاق شېكەر 70 گرام، سۇ يېغى بىر كىلوگرام(خورايدىغىنى 70 گرام) ، قىزىلگۈل مۇرابباسى ئازراق، تۇخۇم ئىككى دانە، ئاچچىقسۇ ئازراق.
1. خام كۈنجۈت قايناق سۇغا بېسىپ كۆپتۈرۈلىدۇ. ئاندىن چىڭ دۈملەپ يۇمىشىتىپ ئېلىپ، سىقىپ سۈيىنى چىقىرىۋېتىپ، داكىغا ئوراپ ئۈستىدىن سوقۇپ، كۈنجۈتنىڭ پوستى چىقىرىۋېتىلىدۇ. تازىلانغان كۈنجۈتنى قورۇپ قۇرۇتۇپ، ئازراق كۈنجۈت بىلەن ئازراق شېكەرنى ئارىلاشتۇرۇپ، يەنە سوقۇپ يۇمشىتىپ ئۇندەك ھالغا كەلتۈرۈلىدۇ. بۇنىڭغا قىزىلگۈل مۇرابباسىنى ئارىلاشتۇرۇپ، كۈنجۈت شېكەردە ياسالغان تاتلىق قىيما تەييارلىنىدۇ.
2. گۆشنى ماشىنىدىن ئۆتكۈزۈپ، چىلىغان پۇرچاق ئۇنىنى ئارىلاشتۇرۇپ كۇمۇلەك ياساپ(ئادەتتە 20 دانە ياسالسا مۇۋاپىق) ، ئوتتۇرىسىنى كاۋاك قىلىپ ياسالغان تاتلىق قىيمىنى ئىچىگە ئېلىپ، يەنە كۇمۇلەك ياساپ تەييارلىنىدۇ(ئىشلەتكەن گۆش ئورۇق بولسا، پۇرچاق ئۇنى ئىشلەتمەي، تۇخۇم ئىشلىتىلىدۇ، تۇخۇم گۆشنى يېپىشقاق قىلىدۇ) .
3. تۇخۇمنى چېقىپ، ھۆل پۇرچاق ئۇنىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق شىرە ياسىلىدۇ. سوغۇق سۇغا چىلىغان پۇرچاق ئۇنىغا شېكەر سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، قويۇق شىرى تەييارلىنىدۇ.
4. قازانغا ياغ قۇيۇپ 4-3 دەرىجە قىزىتىپ تەييارلانغان كۇمۇلەكنى قويۇق شىرىگە چىلاپ ياغقا سېلىپ، بىرىنچى قېتىم پىشۇرۇپ ئالىمىز. ئىككىنچى قېتىم ياغنى 8-7 دەرىجە قىزىتىپ، يەنە بىر قېتىم پىشۇرۇلىدۇ(ئوت كۈچىنى ياخشى ئىگىلەش كېرەك) .
5. قازاندا ئازراق ياغ قالدۇرۇپ، تەييارلانغان سۇيۇق شىرىنى تۆكۈپ قاينىتىپ، ئىككى قېتىم ياغدا پىشقان كۇمۇلۇكنى سېلىپ، ئىككى-ئۈچ قېتىم ئۆرۈپ تەخسىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈنجۈت، ئازراق ئاچچىقسۇ، ئاق شېكەر سېپىپلا قويسا بولىدۇ.
This article uses material from the Wikipedia ئۇيغۇر تىلى article كۈنجۈتلۈك كۇمۇلەك, which is released under the Creative Commons Attribution-ShareAlike 3.0 license ("CC BY-SA 3.0"); additional terms may apply (view authors). خاتىرىلەنگەندىن باشقا تېكست مەزمۇنى CC BY-SA 4.0 ماددىسىغا ئاساسەن تەمىنلىنىدۇ. Images, videos and audio are available under their respective licenses.
®Wikipedia is a registered trademark of the Wiki Foundation, Inc. Wiki ئۇيغۇر تىلى (DUHOCTRUNGQUOC.VN) is an independent company and has no affiliation with Wiki Foundation.