تىلشۇناسلىق

تىلشۇناسلىق تىللارنى تەتقىق قىلىدىغان پەن.

بىر تىلشۇناس ئادەتتە مۇئەييەن بىرنەچچە تىللارنى تەتقىق قىلىدۇ، ئەمما ئىلمىي تەتقىقات ئوبيېكتى تىلنىڭ ئومۇمىي خۇسۇسىيىتىنى ئۆگىنىش. تىلشۇناسلار تەتقىق قىلىدىغان سوئاللارنىڭ ئىچىدە:

  • ئىنسانلار تىلىنىڭ ھايۋانات ئالاقە سىستېمىلىرىدىن قانداق پەرقى بار؟
  • ئىنسانلار تىللىرىنىڭ ئارىسىدا قانداق ئورتاق نوقتىلار بار؟
  • جانلىق تىل، يازما تىل ۋە  ئىشارەت تىلىنىڭ مۇناسىۋەتلىرى قانداق؟
  • تىل ئىنساننىڭ باشقا قىلىقلىرىغا قانداق تەسىر قىلىدۇ؟
مەشھۇر تىلشۇناس نوم چومسكى
مەشھۇر تىلشۇناس نوم چومسكى

باشقا پەنلەردەك، تىلشۇناسلىقنىڭ ۋەزىپىسى دۇنيا تۇغرۇلۇق مەلۇمات يىغىش. تىل ھەممە كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدۇ ۋە ئىنسانىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسى بولىدۇ. شۇڭا تىلشۇناسلاردىن ئېلىنغان مەلۇماتلاردا نۇرغۇن ئەمەلىي قوللىنىش بولىدۇ. مەسىلەن:

  • ھازىرغىچە تەتقىق قىلىنمىغان تىللار قانداق ئانالىز قىلىنىپ يېزىلسا بولىدۇ؟
  • چەت ئەللىك تىللار قانداق ئوقۇتۇلسا بولىدۇ؟
  • قانداق قىلساق كومپيۇتېر ئىنسانلارنىڭ تىلىنى چۈشىنەنەلەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ تىلىدا سۆزلىيەلەيدۇ؟
  • گاچا ياكى كېكەش ئادەم قانداق داۋالانسا بولىدۇ؟
  • تىل تۇغرىسىدىكى قانۇنىي ئىشلار قانداق ھەل قىلىنسا بولىدۇ؟

تىلشۇناسلىقنىڭ بۆلەكلىرى\قىسىملىرى

تىل مۇرەككەپ ھادىسە، شۇڭا تىلشۇناسلىقتا بىرنەچچە بۆلەكلەر بار.

فونېتىكا

تاۋۇشلارنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق. ئۇ تىلنىڭ ئاۋاز تەركىبى ۋە ئاساسىي ئاۋاز جەريانلىرىنى تەتقىق قىلىدۇ. فونېتىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئىنسان ئورگانلىرىدىن تاۋۇشلارنىڭ چىقىشى،ئۇلارنىڭ ئاۋاز چىقىرىشى ۋە تاۋۇشلارنىڭ قانداق ھېس قىلىنىشىنى تەتقىق قىلىدۇ.

فونولوگىيە

تىللارنىڭ تاۋۇش سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلىدىىغان تارماق. فونولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى تىلدا تاۋۇشلارنىڭ پەرق قىلىنىشى (مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدا «ۈ» ۋە «ۇ» دېگەن تاۋۇشلار پەرق قىلىنىدۇ، لېكىن ئىنگلىز تىلىدا بۇ تاۋۇشلار پەرق قىلىنمايدۇ)، تاۋۇشلارنىڭ قانداق سۆزلەرگە بىرلىشىشى (مەسىلەن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەرنىڭ بىرىنچى تاۋۇشى «ڭ» بولالمايدۇ، ئەمما ۋېيتنام تىلىدا بولىدۇ) قاتارلىق ئىشلارنى تەتقىق قىلىدۇ.

مورفولوگىيە

سۆزلەرنىڭ تۈزۈلمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق. سۆزلەر قانداق كىچىكرەك بۆلەكلەردىن قورۇلىدۇ؟ مەسىلەن، نېمىشقا ئۇيغۇر تىلىدا «يېيىلىدۇ» ۋە «يېيەلەيدۇ» دېگەن سۆزلەر بار، ئەمما «يېيىلەلەيدۇ» دېگەن سۆز يوق؟

سىنتاكسىس

جۈملىلەرنىڭ تۈزۈلمىسىنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق. جۈملە قانداق سۆزلەر بىلەن قۇرۇلىدۇ؟ سىنتاكسىس مۇتەخەسسىسلىرى سۆزلىگۈچىنىڭ قانداق قىلىپ مەلۇم سۆزلەرنى ئىشلىتىپ جۈملىلەرنى ھاسىل قىلىشى، نېمىشقا بىر جۈملىنىڭ كۆپ مەنىسى بولىشى ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ.

سېمانتىكا

سۆزلەر ۋە  جۈملىلەرنىڭ مەنىسىنى تەتقىق قىلىدىغان تارماق. سېمانتىكا مۇتەخەسسىسلىرى جۈملە بۆلەكلىرىنىڭ مەنىلىرى ۋە ئورنىغا ئاساسەن ياسالغانلىقىنى تەتقىق قىلىدۇ.

Tags:

تىلشۇناسلىق نىڭ بۆلەكلىرى\قىسىملىرىتىلشۇناسلىق

🔥 Trending searches on Wiki ئۇيغۇر تىلى:

Bash Betئاۋستىرالىيە19- ئۈمىدمەدرەسەئى نىزامىيەلاتۋىيەقۇرئان كەرىم1995 - يىلىئىتترىيشەرقىي تۈركىستانتوك بانكىسىمۈشۈك بىلەن چاشقان1938 - يىلىئېنېرگىيەنورۋېگىيە تىلىتوشقان قوغلاش ئويۇنى(ئۇيغۇر ئويۇنلىرى)دانىلد ترامپنىشاپۇركايمان تاقىم ئاراللىرىماۋرىتىئۇسئىستانبۇلتۇنىسئىرانئىتتىپاقداش دۆلەتلەرWinnipégمۇھەممەد ئەبۇ زەھرەقاھىرەGiorgiye Shitatiبىرلەشمە ئەرەب ئەمىرلىكلىرىۋىكىپېدىيەيەھۇدى دىنىرۇمىنىيەئادەمھىدروگېن17- فېۋرال1 - يانۋار2019 - يىلىنېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC)گرېتسىيە1953 - يىلىئېرىترېيەتارىخئىسپان تىلىكىچىك مېرەن قەبرىستانلىقىفىنلاندىيە1961 - يىلى1921 - يىلىسارايېۋوتۈركىيەچېخ تىلىپۇشتۇ مىللىتىمەملىكەتلەر تىزىملىكىۋېنېرابىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسىSan Fransiskoفىلىپىنچەدانىش تىلىMontana Shitatiسۇريانىي تىلىئىسپانىيەئەھمىدى نىجاتWénitsiyeسوقماقتۆرت خەلىپەBudapéshtباھامائۇدمۇرتىيەÉnsklopédiyeNowa Skotiye Ölkisiسەئۇدى ئەرەبىستانيېزىقنامىبىيەئىسلام دىنى12- قەھرىتان🡆 More